تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تېرمومېتىرى چېقىلىپ كەتسە ھەرگىز تۇتماڭ


ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن كىشىلەر كىچىك ۋاقتىدا تېرمومېتىرىدىن قورققان، چۈنكى بۇ بىزگە ئوكۇل ئۇرۇلۇپ، دورا بېرىلمەكچى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى: بىر تال كىچىك تېرمومېتىر سىزنى زەھەرلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن، ھەتتا ھاياتىمىزغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

 سىمابلىق تېرمومېتىرىنىڭ ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ خىمىيەلىك نامى«سىماب»، ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا ئاستىدا بىردىنبىر سۇيۇق ھالەتتە تۇرىدىغان مېتال، ناۋادا چېقىلىپ كەتسە، سىماب پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ھالبۇكى ئۇنىڭ سۈمۈرۈشچانلىقى ئالاھىدە ياخشى، تام ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىقلار ئاسانلا سۈمۈرۋېلىپ، ھاۋانى بۇلغايدىغان مەنبە بولۇپ قالىدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەركۇب مېتىردا 1-3مىللىگرام سىماب بار مۇھىتتا، تەخمىنەن ئىككى سائەت تۇرسىلا باش ئاغرىش، تىترەك بېسىش، يۆتەل، قىزىش، قورساق مۇجۇپ ئاغرىش، قۇسۇش، نەپىسى قىسىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن. ئېغىر بولغاندا يەنە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى زەخىملىنىش، ھەرىكەت قالايمىقانلىشىش، نەپەس يولى ۋە ئۆپكە توقۇلمىسى زەخىملىنىش كۆرۈلىدىكەن. ھەتتا نەپەس زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشمۇ مۇمىكىن ئىكەن.

تېرمومېتىر چېقىلىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

1.  دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان نەم پىلتىگۈچ ياكى پىلاستېر قەغەز بىلەن يەرگە چېچىلىپ كەتكەن سىمابنى يىغىپ، ئېغىزنى ئەتكىلى بولىدىغان كىچىك بوتۇلكا، مەسىلەن ئىچىملىك قۇتىسى قاتارلىق سۇلياۋ بوتۇلكا ئىچىگە سېلىش كېرەك. ھەمدە بوتۇلكىنىڭ ئىچىگە ئاز مىقداردىكى سۇ قويسا بولىدۇ، سۇ ئارقىلىق سىماب پارلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 2 . ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يىغىۋېلىش ھەرىكىتى تېز بولۇش كېرەك، دېرىزىلەرنى ئېچىۋېتىپ، ياخشى شامال ئۆتۈشتۈرۈش، ئامال بار سىمابنى قول بىلەن تۇتماسلىق كېرەك.

3. يىغىۋالغان سىمابنى ھەرگىز يەر ئاستى سۇ يولىغا تۆكۈۋەتمەسلىك كېرەك، ئەگەر سىماب يەر ئاستى سۈيىگە سىڭىپ كېتىپ، كىشىلەر تەركىبىدە ئېغىر مېتال بار سۇنى ئىچسە، سالامەتلىككە زىيانلىق ، يىغىۋالغان سىمابنى ياخشى ساقلاپ مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىغا تاپشۇرۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 4. يەرگە چۈشۈپ كەتكەن يىغىۋالغىلى بولمىغان سىمابقا ئازىراق گۈڭگۈرت پاراشوكى چىچىپ قويسا، سىمابنىڭ زەھىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇنداقلا شامال ئۆتىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىماب پارنىڭ زىچلىقى چوڭ بولسا، شامالدۇرغۇچ، ھاۋا ئالماشتۇرغۇچ قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ ھاۋادىكى سىماب پارىنى چىقىرۋېتىشنى تېزلىتىش كېرەك.

 سىماب بۇلغىغان ئۆينى يود بىلەن ئىسپىرتنى كۆيدۈرۈپ ئىسلىغاندا يودنى ھاۋادىكى سىماب بىلەن پارلانمايدىغان سىماب يودىد ھاسىل بولىدۇ، ھاۋادىكى سىماب پارى قويۇقلىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. يەنە % 10 ئاقارتقۇش پاراشوكى سۇيۇقلۇقى بىلەن سىماب بۇلغىغان يەرنى يۇيسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/23/content_500914.htm 



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز