قۇشلاردىكى ۋىرۇسلۇق تارقىلىشچان زۇكام قىسقىچە ‹‹قۇش زۇكىمى›› دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، A تىپلىق تارقىلىشچان ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تارقىلىشچان كېسەل. قۇشلار بۇنداق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئادەتتە ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە كېسەل ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، كېسەلنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، كۆپ بولغاندا %100كە يېتىپ، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدا زور ئىقتىسادىي زىيان بولىدۇ. قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ تىپى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، بەزى ۋىرۇسلار ئادەمگە يۇقىدۇ. ئادەم قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، بىر ھەپتە ئەتراپىدا كېسەل قوزغىلىپ، ئۆلۈش نىسبىتى %50كە يېتىدۇ.
ئۆي قۇشلىرى قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن چۈشكۈنلىشىپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، ئورۇقلاپ، تۇخۇمى ئازىيىپ كېتىدۇ؛ باش ۋە يۈز قىسمىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، نېرۋىسى قالايمىقانلىشىش بىلەن بىللە يەنە ئىچى سۈرىدۇ. بەزى كېسەل قۇشلارنىڭ پاچىقى قىزىرىپ، ماڭقىسى كۆپىيىپ، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ، بېشىنى سىلكىيدىغان بولۇپ قالىدۇ. كېسەل ئېغىر بولغاندا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى: باقمىچىلىق مەيدانى ئاھالە رايونى، سودا بازىرى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنلىرى، باقمىچىلىق مەيدانلىرى ۋە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەردىن يىراق بولۇشى كېرەك؛ كېسەل رايونلىرىدىن ئۇرۇقلۇق تۇخۇم ۋە ئۇرۇقلۇق ئۆردەك كىرگۈزمەسلىك، بۇ يەردىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىل ھەم باقمىچىلىق مەيدانى ئەتراپىنىڭ مۇھىتى، چۈجە چىقىرىش ئۆيى، چۈجە چىقىرىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئەسلىھە ۋە جابدۇقلار، خىزمەتچىلەرنىڭ كىيىملىرى قاتارلىقلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك؛ توپ كىرگۈزۈپ، توپ چىقىرىدىغان بېقىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئارىلاش بېقىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك؛ باقمىچىلىق مەيدانىدا خىزمەتچىلەر كىرىپ – چىقىدىغان مەخسۇس يول تەسىس قىلىپ، خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دائىملىق قوغدىنىش بۇيۇملىرىنى پاكىز يۇيۇش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش، سىرتتىن كەلگەن خادىملارنىڭ باقمىچىلىق رايونىغا كىرىشى ياكى ئېكسكۇرسىيە قىلىشىنى چەكلەش كېرەك؛ كېسەل ۋە يۇقۇمدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قۇش زۇكىمى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان رايونلاردا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ تاشقى مۇھىتتا ياشاش ئىقتىدارى ناچار بولۇپ، ئېفىر، خلوروفورم، ئاتسېتان قاتارلىق ئورگانىك ئېرىتىش سۇيۇقلۇقلىرى ئۇنىڭدا رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ. ئۇنى ئادەتتىكى دېزىنفېكسىيە دورىلىرى ئارقىلىق يوقىتىش ئاسان. مەسىلەن: ئوكسىدلىغۇچى رېئاگېنت، سۇيۇق كىسلاتا، ئاقارتىش پاراشوكى، يود قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئاكتىپلىقىغا تېز بۇزغۇنچىلىق قىلالايدۇ.
‹‹دېھقانلار گېزىتى››دىن