ئالدامچى ھايات
مۇختار بۇغرا
سەن ھاياتنى ئالدىمىساڭمۇ،
ھايات سېنى ئالدىدى نەچچە.
‹‹ئالدار كوسا›› چۆچەكلىرىگە،
ئامراق ئىدىڭ مۇشۇ ۋاققىچە.
بۇ ھاياتنىڭ پالاكىتى شۇ،
ئالداپ كەتسە ئامراق ئادىمىڭ.
جەننەت ياقتىن ئىشارەت كەلسە،
دوزاخقىلا ماڭار قەدىمىڭ.
بار تۈز يولدا يۇندا ئازگىلى،
ھاياتلىقنىڭ ئالدام خالتىسى.
ھايات يۈرسەك بېشىڭدا كۈن بار،
جان ماماتنىڭ بولۇر پىلتىسى.