تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
زەھەر تازلايدىغان گۆھەر-مامكاپ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

باھار پەسلىدە ھەممە جانلىق ئويغىنىپ، تەبىئەتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇيدۇ، ئەمما شامال كۆپىيىپ ھاۋا قۇرغاقلىشىدۇ، بۇنىڭغا بەدەندىكى تەپنىڭ ئۇلغىيىشى قوشۇلۇپ، ئادەمنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ، ئەمما ھەممىمىز بىلىدىغان بىر چۆپ بار، ئۇنىڭ بەدەندىكى ئىسسىقنى قايتۇرۇش ئۈنۈمى دورىدىن قېلىشمايلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۆتنى كۈچەيتىپ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ مامكاپ، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن چاي دەملەپ ئىچسە بەدەنگە يەنە مۇنداق پايدىلارنى بېرىدۇ:


ئىسسىقنى ئېلىپ مىجەزنى تەڭشەيدۇ: مامكاپنىڭ تەبىئىتىمۇ سۇغۇق، شۇڭا بەدەندىكى ئىسسىقنى ئېلىپ خىلىتلارنى تازىلايدۇ. ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىسسىق تۇتۇۋېلىش مەنبەلىك چىش مىلىكى ئىششىش، جىگەرنى ئىسسىق قاپلاش ۋە كۆزنى يىپسىمان قىزىللىق بېسىش كېسەللىكلىرىگە داۋا بولىدۇ. ناۋادا كېسەللىك يېنىك ھەم يېڭى بايقالغان بولسا، مامكاپ بىلەن چاي دەملەپ ئىچكەن ھامان مەنپەئەت قىلىدۇ. 


راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: تېۋىپلارنىڭ رىسالىلىرىدە مامكاپنىڭ تەبىئىتى زىيادە سوغۇق شۇڭا بەدەندە ئۇزاققىچە ئىسسىق چىرماش مەنبەلىك راك كېسىلىنىڭ ئەۋجىنى توسۇيدۇ، دېگەن قۇرلار بار ئىدى، يېقىندا مۇتەخەسسىلەر مامكاپنىڭ يوپۇرمىقىدا راكقا قارشى تۇرىدىغان مۇھىم بىر ماددا بارلىقىنى بايقىدى ھەم مۇنداق دېيىشتى:« مەيلى مامكاپنىڭ يېڭى ياكى قۇرۇتۇلغان يوپۇرمىقى بولسۇن، ئۇنىڭ بىلەن چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە، بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بەلگىلىك راكقا قارشى تۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرىدىكەن. 


ئۆتنى ياخشىلاپ، تالنى كۈچەيتىدۇ: مامكاپنىڭ ئەسلىدىلا دورىلىق قىممىتى بار. شۇڭا كېلىنكىدا ئۆت يىگىلەش ۋە ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىپ كەلگەن، ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە سۈيدۈك يوللىرىنى ئېچىپ، قەۋزىيەتكە داۋا بولىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. 


ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرىدۇ: مامكاپ ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى دورا. چۈنكى ئۇ ئاياللارنىڭ تېرىسىگە چىققان دانىخورەك بىلەن ھۆل تەمرەتكىنى ساقايتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئاياللار مامكاپ بىلەن چاي ئىچىپ بەرسە تېرە كېپەكلىشىش ۋە تېرە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بىراق بۇ مەقسەت مامكاپ چېيىنى ئۇزاققىچە ئىچكەندىن كېيىن ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ، بۇ چاغدا تېرىگە قان يۈگۈرۈپ ئېلاستىكلىقى كۈچىيىدۇ. 


مىكروپقا قارشى تۇرىدۇ: مامكاپنىڭ يوپۇرمىقىدا بار بىر خىل ئالاھىدە ماددا بەدەننى ئېغىر زەخىملەيدىغان تاياقچە باكتېرىيە بىلەن زەرسىمان شارچە باكتېرىيىسىگە قارشى تۇرىدۇ، بۇ خىل مىكروب مەنبەلىك ھەرخىل كېسەللىكلەرگە داۋا بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، مىكروپقا قارشى تۇرۇش بىلەن ياللۇغ قايتۇرۇش بىر گەپ ئەمەس، ئەمما دائىم مامكاپ چېيى ئىچىپ بەرسە ياللۇغنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان مىكروبلارنى تازىلايدۇ، ياللۇغ قايتۇرۇپ كېسەل داۋالاش ئۈنۈمى گەۋدىلىنىدۇ. 


سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرىدۇ: مۇتەخەسىسلەر مامكاپنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىشتى: مامكاپ ئەتراپ لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچى زورىيىپ، ھەرقانداق سوزۇلما كېسەللىكلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە يول قويمايدۇ. 




ئەسلى مەنبەسى: wlmqwb.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز