ئۇرۇق تۇغقانلار دوستلار دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا ئۇلارنى يوقلاش نورمال ئەھۋال ئۇنداقتا ئاغرىقلىرىنى يوقلىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
1. مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللاش، ئاغرىقنىڭ دەم ئېلىشى ۋە داۋالىنىشقا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا يوقلاش لازىم. ئادەتتە كېسىلى خەتەرلىك، ئېغىر ياكى ئەمدىلا ئوپېراتسىيەدىن چىققان ئاغرىقلارنىڭ دەم ئېلىشى زۆرۈر. ئوپراتسىيەدىن ئىلگىرى ياكى ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى 2-3 كۈندە ئاغرىقنى يوقلاش ئەڭ مۇۋاپىق، داۋالاشقا تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاغرىقلارنى يوقلىغاندا دوختۇرخانا بەلگىلىگەن ۋاقىتقا رىئايە قىلىش لازىم.
2. ئاغرىقلارنى يوقلىغاندا سوۋغاتنى مۇۋاپىق تاللاش لازىم. ئەگەر دىئابىت كېسىلى بار ئاغرىقلارغا شېكەر مىقدارى كۆپ بولغان مېۋە-چېۋە، تورت تەقدىم قىلغاندا، ياخشى ئىش يامان ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
3. ئاغرىقلارنى يوقلىغاندا سۆزگە دىققەت قىلىش لازىم. ئاغرىقلار بىلەن ئائىلىدىكى ياكى ئىدارىدىكى كۆڭۈلسىز ئىشلارنى سۆزلەشمەسلىك، ئاغرىقنىڭ كېسەل ئەھۋالى ۋە ئۆزگىرىشنى سورىماسلىق، ئاغرىقنىڭ ئالدىدا دوختۇرنىڭ سەۋىيەسى، داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورا ئىشلىتىشكە قارىغۇلارچە باھا بەرمەسلىك لازىم. سۆھبەتتە خۇشاللىق بەخش ئېتىدىغان گەپلەرنى قىلىش، ئاغرىققا ھەرقانداق يامان تەسىر بەرمەسلىك لازىم.
4. ئاغرىقلارنى يوقلىغاندا ئۆزىنىڭ كەيپىياتى ۋە چىراي ئىپادىسىگە دىققەت قىلىش، قاپىقىنى تۈرۈۋېلىپ، ئىچ ئاغرىۋاتقانلىقى ۋە قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەسلىك لازىم. تۇغقىنى، دوستىنىڭ كېسىلى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان تەقدىردىمۇ كېسەلخانىدا ھېسسىياتىنى باسالماي قايغۇرۇپ يىغلاشتىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم. ھەدىدىن ئارتۇق ھېسداشلىق قىلىش ياكى قايغۇرۇش ئاغرىققا كېسىلىم ئېغىر، داۋالاش قىيىن ئوخشايدۇ، دېگەن خاتا تەسىر بېرىپ قويۇپ قويىدۇ، بۇ ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز.
5. ئاغرىقلارنى يوقلىغاندا يۈرۈش-تۇرۇشتا مەدەنىي بولۇشقا دىققەت قىلىش لازىم. كېسەلخانىدا تاماكا چەكمەسلىك، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلماسلىق، يوقلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىك لازىم. ئادەتتە نەچچە مىنۇت بولسىلا يېتەرلىك، ئەگەر ئاغرىق سورالغان سوئاللارغا ئۈزۈلدۈرمەي جاۋاب بەرگەندە دەم ئېلىشىغا تەسىر يېتىپ چارچاپ قالىدۇ ۋە ئىچى تىت-تىت بولۇپ قالىدۇ. دوختۇرلار ۋە سېستىرالار ئاغرىقنى تەكشۈرۈش، داۋالاش ئۈچۈن كەلگەندە ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن كارىۋات يېنىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئايرىلىش لازىم.
6. يۇقۇملۇق كېسىلى بار كىشىلەر باشقىلارغا كېسلىنى يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاغرىقلارنى يوقلىماسلىقى لازىم.
"ھاياتلىق"ژۇرنىلىدىن ئېلىندى