شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئادەت ئارىسىدا سالامەتلىككە پايدىلىق بەزى ئادەتلەر بار، ئۇلارنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرسىڭىز، سالامەتلىكىڭىزگە پايدىسى بولىدۇ.
چاچ تاراش. بۇ ئارقىلىق پەللىلەرنى غىدىقلاپ، ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، بەدەندە قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. چاچ تاراش ئارقىلىق يەنە ئۇيقۇسىزلىق، باش قېيىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىقلارنى داۋالىغىلى، ئۆسمۈرلەردىكى چاچ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
كېرىلىش. كېرىلىش ئارقىلىق ئىچكى ئەزالارنىڭ يۈرەك ۋە ئۆپكىنى قىسىشىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. كېرىلىش ھەرىكىتىنى بىر نەچچە سېكونت داۋاملاشتۇرغاندا، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، چوڭ مېڭىنى ئوكسىگىن مىقدارى كۆپ قان بىلەن تەمىنلىگىلى، ھارغىنلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇش. خىزمەتتە، تۇرمۇشتا بولۇپمۇ ئازراق ئولتۇرغان ياكى ئۆرە تۇرغاندىن كېيىن ئادەمنىڭ پۇتى تېلىپ ماغدۇرسىزلىنىدۇ. پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرغاندا، پۇتتىكى ۋېنا تومۇرنىڭ ئەگرى بۈگرى كېڭىيىشى ۋە پىگمېنتلارنىڭ تېرىگە چۆكۈپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئۇلۇغ-كىچىك تىنىش. بۇ ھەركەت ئارقىلىق ئۆپكىدە تۇرۇپ قالغان كېرەكسىز ھاۋانى سىقىپ چىقىرىپ، ئۆپكىنىڭ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرغىلى، قاندىكى ئوكسىگىن مىقدارىنى كۆپەيتكىلى، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، جىددىيلىشىش، ئىچى تىتىلداش، روھىي جەھەتتىكى بېسىم قاتارلىقلارنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.