ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
مۇتەخەسسىلەر ئاياللار ئۇخلىغاندا خورەك تارتسا، يۈرەك كېسىلى بىلەن مېڭىگە قان چۈشۈش خەۋپىنىڭ باشقا ئاياللارغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ 72 مىڭ سېستىرا ئۈستىدە سەككىز يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، خورەك تارتىش بىلەن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەھلىل قىلغان. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، نىكاھتىن ئاجراشقان ياكى تۇل ئاياللار ئىچىدە خورەك تارتىدىغانلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، توي قىلغان ئاياللارنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەن. داۋاملىق خورەك تارتىدىغانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى خورەك تارتمايدىغانلارغا يەتمەيدىكەن، ئۇلاردا ئاسانلا دىئابېت، يۇقىرى قان بېسىمى ياكى يۇقىرى خولىسترىن كېلىپ چىقىدىكەن. يېشى ئوخشاپ كېتىدىغان كىشىلەر توپى ئىچىدە دائىم خورەك تارتىدىغان ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلى ياكى مېڭىگە قان چۈشۈش خەۋپى تىنچ ئۇخلايدىغانلاردىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.