ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئەلا خەلقئارا مائارىپ مەسلىھەتچىلىك شىركىتى 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىنتىل مەكتىپىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. ئامېرىكىدىكى ئۈچ داڭلىق مەكتەپ (ئاۋبۇرن مەكتىپى، كانزاس مەكتىپى، جەنۇبىي كارولىنا مەكتىپى) نىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل خادىملىرى نەق مەيدانغا كېلىدىكەن.
تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ياكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەر، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياكى ئاسپىرانتلىقنى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغۇسى بار ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدىكەن. ھەربىر مەكتەپ 5 تىن جەمئىي 15 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، يۈزتۇرانە ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەرگە قوبۇل قىلىنغانلىق چاقىرىق قەغىزى تارقىتىلىدىكەن.
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يىغىنى 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6:00 دە ئىنتىل مەكتىپى ( ئۈرۈمچى شەھىرى داۋەن يولى 799-نومۇر) دا باشلىنىدىكەن.