ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا سالام قىلىش ئادىتى ئۇلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، تۇرمۇش، خىزمەت ۋە باشقا جەھەتلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر ئۆزئارا سالام قىلىش ئارقىلىق بىر – بىرى بىلەن كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، بىر–بىرىنى چۈشىنىدۇ.
دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ، ئۆرپ–ئادەت ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ ئۇخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ سالام قىلىش ئادىتىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. شۇڭا بەزى جايلاردا كىشىلەر قول ئېلىشىپ سالاملىشىشقا ئادەتلەنگەن بولسا، بەزى جايلاردا قۇچاقلىشىپ سالاملىشىشقا ئادەتلەنگەن، بەزى جايلاردا ئۆزئارا تەزىم قىلىپ سالاملىشىشقا ئادەتلەنگەن بولسا، بەزى جايلاردا بىر – بىرسىگە كۈلۈمسىرەپ سالاملىشىشقا ئادەتلەنگەن.
ئۆزئارا سالاملىشىش قارىماققا ئاددىي ئىشتەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ئۇ كىشىلەرنىڭ بىر–بىرىنى چۈشىنىش، بىر–بىرىنى قارشى تەرەپكە ئىپادىلەشتە مۇھىم ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى. كىشىلەر قىسقا مۇددەت ئىچىدىكى سالام – سەھەت قىلىش ئارقىلىق، ئۆزى ۋە قارشى تەرەپ ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ. ھەتتا بەزىلەر بىرەرسى بىلەن بىر قېتىملىق سالام – سەھەت قىلىش ئارقىلىقمۇ، قارشى تەرەپنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋە جەمئىيەتكە قانچىلىك قىممىتىنىڭ بارلىقى ھەققىدە بەلگىلىك تونۇشقا ئىگە بولالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى سالاملىشىش ئادەتلىرىنى پىششىق ئۆگىنىش بىلەن بىللە، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا چەت ئەللەردىكى مىللەتلەرنىڭ سالاملىشىش ئادەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىمىز لازىم. سالام–سەھەت جەھەتتىكى بىلىمىمىز قانچە كەڭ ۋە چوڭقۇر بولغانسېرى، باشقىلار بىلەن كىشىلىك مۇناسىۋىتىمىز ياخشىلىنىپ، دوستىمىز كۆپىيىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2015-12/11/content_478909.htm