تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : كىتاب (ھېكايە)

كىتاب

 (ھېكايە )

 ئەخمەتجان قۇربان سابىرى

 

 

  مەن 2-يىللققا چىققاندىن باشلاپ،دەرسلەرنى ياخشى  ئۆگەنگەندىن باشقا  ئۆزۈم ياخشى كۆرۈدىغان كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇشنى ئادەت قىلدىم. بۇمۇ دادامنىڭ تەسىرىدىن بولغان.بىزنىڭ بىر ئۆيىمىزدە لىق كىتاب بار. ھازىر مەن دەم ئېلىش كۈنلىرىمنى ئاساسەن ئاشۇ كىتابخانىدا ئۆتكۈزۈمەن. دادام ماڭا مەخسۇس بىر كىتاب ئىشكابىنى ماڭا ئاجرىتىپ، مەن ئوقۇشقا ماس كىلىدىغان كىتابلارنى تىزىپ بەردى.

  مەن بۇ كىتابلاردىن ئالدى بىلەن "ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى"نى ئوقۇدۇم. ئوتتۇز نەچچە قىسىملىق بۇ كىتابلار مېنى بەك جەلىب قىلىۋالدى. مەن دەسلەپتە بۇ چۆچەكلەردىكى قىزىقارلىق ۋەقەلەرگىلا قىزىقىپ،ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇنلار بىلەن ئانچە كارىم بولماپتىكەن.كېيىن دادام بىلەن كىتابنى قانداق .وقۇش ھەققىدە سۆزلەشكەندىن كېيىن كىتاب ئوقۇش ھەققىدە بەزى پايدىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم.

  -ھە، "ئۇر توقماق"نى ئوقۇپ بوپسەندە، دەپ باقە بۇ چۆچەكتىن نېمىنى چۈشەندىڭ؟_ مەن دادامنىڭ سۇئالىغا مۇنداقلا جاۋاپ بەردىم.

-ئىش قىلىپ  بەك قىزىقكەن.

-قىززىقلىقىغۇ قىززىق،ئۇنىڭدىن قانداق تەسىرات ئالدىڭ؟_ مەن دادامنىڭ بۇ سۇئالىغا جاۋاپ بېرەلمەي بېشىمنى ساڭگىلاتتىم. دادام ماڭا "ئۇر توقماق" چۆچىكىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن  مۇنداق دېدى:

-ئەسلى بۇنى ساڭا  بۇنداق چۈشەندۈرۈپ قويسام بولمايتى، ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈڭ پىكىر قىلىشنى ئۆگەنگىن،ئۆزۈڭ چايناپ يىگەن تاماق بەدەنگە قۇۋۋەت قىلىدۇ.

ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن مەن كىتابنى ئالدىرماي پىكىر يۈرگۈزۈپ ئوقۇيدىغان بولدۇم. " ئاندېرسۇن چۆچەكلىرى"، "مىڭ بىر كېچە" ،"گىرىم چۆچەكلىرى"،"ئۇيغۇر خەلق تېپىشماقلىرى"،" يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن" قاتارلىق كىتابلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇدۇم. ھەر بىر كىتاب يىڭى بىر مەكتەپتەك ماڭا يىڭى يىڭى بىلىملەرنى بەردى.

دادام بىر كۈنى ناھاەيىتى يوغان بىر كىتابنى ماڭا كۆرسەتتى:

-كۆردۈڭمۇ بالام بۇ كىتاب بۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن يىزىلغان.

-نېمە؟_مەن ھەيران بولۇپ كۆزۈمنى چىمچىقلاتتىم-مىڭ يىل بۇرۇنمۇ كىتاب بارمىدى؟

-شۇنداق بۇندىن مىڭ يىل بۇرۇنمۇ كىتاب بار ئىدى،بۇ كىتابنى ئۇيغۇرلاردىن چىققان مەشھۇر ئەدىب، ئالىم، مۇتەپپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ يازغان بۈيۈك داستان، ئۇنىڭدا نۇرغۇن ھېكمەت ،ھېكايەتلەر بار،-دادام قولىدىكى كىتابنى كىتاب ئىشكابىغا ئاۋايلاپ قويۇپ قويغاندىن كېيىن ينە بىر چوڭ كىتابنى قولڭغا ئالدى:

-بۇ كىتابمۇ مىڭ يىل ئىلگىرى يىزىلغان،بۇ بۈيۈك قامۇس "تۈركى تىللار دىۋانى" ئۇنى بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرى يازغان، بۇنىڭدىمۇ نۇرغۇن بىلىملەر بار، سەن ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بىلىپ تۇرغىن.

مەن دادامنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئىككى ئۇلۇغ بوۋىمىزنى بىلىۋالدىم. مەن چوقۇم ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىمەن،كىتاب ئوقۇشنى ئۆمۈرلۈك ئادىتىمگە ئايلاندۇرىمەن.


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز