بوۋاق مەزگىل چىشنىڭ يېتىلىش مەزگىلى، شۇنداقلا چىش كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىل.
1. بالىغا ئېمىزگىنى جىق ئەمگۈزۈۋەتمەسلىك كېرەك. سۈت بەرگەندە سوسكىنى بالا يۈزى بىلەن تىك تۇتۇش، ئېمىتكەندە بالىنى تۈز ياتقۇزۇپ قويماسلىق، بىر يېرىم ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن سوسكا ئىشلىتىشنى توختىتىش كېرەك.
2. ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتكۈزۈش. بالىلارغا تەربىيە بېرىپ، كالپۇكىنى چىشلەش، بارمىقىنى شوراش، قاتتىق نەرسىلەرنى چىشلەشتەل ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.
3.بالىلارغا تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك. كۆكتات، مېۋە قاتارلىق تالا مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، چىشنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ـــ ماتېرىيالدىن
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى