ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
دىئابىت كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى يېقىندا مۇنداق دېدى: دىئابىت ئاغرىقلىر يېڭى پايپاقنى تەتۈر كىيسە، ئۇنىڭ ئۇلانغان يېرى ۋە چىقىپ قالغان يىپلىرى كۆرۈنۈپ چىقىدۇ، نەتىجىدە پايپاق پۇتنى قوغداش رولىنى ئويناپ، بەزىبىر پۇت كېسەللىرى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ دىئابىت ئاغرىقلىرى ساپ پاختا پايپاق كىيگىنى ياخشى، چۈنكى پاختا پايپاق پۇتنى ئىسسىق ساقلايدۇ، بۇ دىئابىت ئاغرىقلىرى كۈز ۋە قىشتا پۇتىنى ئىسسىق تۇتقىنى ياخشى دېگەن تەلەپكە ماس كېلىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن باشقا، دىئابىت ئاغرىقلىرى سۇس رەڭلىك پايپاق كىيگىنى ياخشى. چۈنكى سۇس رەڭلىك پايپاق ئۇلاردا بولىدىغان پۇت چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەمما پايپاق چىڭ ياكى ئېلاستىكلىق بولمىغىنى ياخشى. چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇتىدا قان ئايلىنىشى ياخشى بولمايدۇ، ئېلاستىكلىق پايپاق پۇتنى بوغۇپ پۇتنىڭ قان ئايلىنىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پايپاقنىڭ ئېغىزى چىڭ بولسىمۇ پۇتنىڭ قان ئايلىنىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.