تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلارغا زىيادە كۆيۈنگەنلىكىڭىزنى چاندۇرماڭ

ھەممە ئاتا – ئانا ئۆز بالىسىنى ئەڭ قالتىس ھېسابلايدۇ. بىراق، ئەقلىي قابىلىيەت، تەربىيەلىنىش ۋە مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى بالىلارنىڭ يېتىلىشىدە مەلۇم پەرقلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ھال نۇرغۇن ئاتا – ئانىغا ئۆزىنىمۇ، بالىسىنىمۇ قىينايدىغان باش قېتىنچىلىقى بولۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق بالا ھامان بىر تەرەپتە ئۈزۈپ چىقىدۇ. ئەمما بەزى ئاتا – ئانىلار ھەمىشە بالىلىرىغا زىيادە كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە تەربىيەلەيدۇ. لېكىن، بۇنداق چەكتىن ئاشقان كۆيۈمچانلىق ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقتۇر.

    نۇرغۇن ئاتا – ئانا پۈتۈن كۈچى بىلەن بالىلىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بالىسىغا ئەڭ ياخشى ئويۇنچۇقلارنى، كىيىم – كېچەكلەرنى ئېلىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە، بۇنداق بالىلار كۆپىنچە قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئاقنانچى بولۇپ قالىدۇ.

    ئادەتتە مۇنداق ئەھۋاللارغا دائىم يولۇقىمىز: يېڭى ئايىغى چىققان بالىلار تەمتىلەپ مېڭىپلا يىقىلىپ چۈشكەندە بەزى ئاتا – ئانىلار يۈگۈرۈپ بېرىپ بالىسىنى يۆلەپ تۇرغۇزىدۇ. بۇ بالىلاردا ئاسانلا تايىنىۋېلىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، خاتالىق ئۆتكۈزۈپمۇ بوينىغا ئالمايدىغان، ھەتتا باشقىلاردىن ئاغرىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىچىك بالىنىڭ يېقىلىپ چۈشۈشى نورمال ئەھۋال. بىر قىسىم ئائىلە باشلىقلىرى بالىسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقسىمۇ يەنىلا ئۆزى ئاپىرىپ – ئەكىلىدۇ. يەنە بەزى ئاتا – ئانىلار خىزمىتى ھەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ، ئىشلىرىنى تاشلاپ پۈتۈن كۈچىنى بالىسىنىڭ ئۆگىنىشىگە قارىتىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىدا بولسۇن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بولسۇن، ئىمتىھان باشلانغاندىن تارتىپ تاكى تۈگىگىچە بالىلىرى بىلەن بىللە بېرىپ – بىللە كېلىدۇ. بۇنداق ئۆگىنىپ قالغان بالىلاردا قانداقمۇ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتى بولسۇن؟ بۇنداق ئوقۇغۇچىلاردا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى بولمايدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇنىڭغا ئاتا – ئانىلارنىڭ زىيادە كۆيۈنۈشى سەۋەب بولغان دېيىشكە بولىدۇ.

    ھازىر نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئوقۇشتىن بىزار بولماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىقى. ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىقىدىكى سەۋەب مەززىسى يوق، مەنىسىز بىلىنگەنلىكى! ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۇلارغا ئارتۇقچە تەلەپ قويۇشى، بەك چوڭ ئارزۇ – ئۈمىدلەرنى يۈكلىشى يۇقىرىقى ھادىسىلەرنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر. بالىلىرىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشى، ئېينىشتىيىندەك ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ چىقىشى شەرت ئەمەس.

    بالىلارغا زىيادە كۆيۈنۈش ئەمەلىيەتتە بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقتۇر، خالاس! شۇڭا چوقۇم مەلۇم بوشلۇق قالدۇرۇشىمىز كېرەك، ئۇلار شۇ بوشلۇقتا ئەركىن – ئازادە چوڭ بولسۇن!

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/03/content_495632.htm 



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز