تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قىزلارغا نەسىھەت - باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز

1. كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ. كىتاب ئوقۇشقا ئامراق قىزلار بىلىملىك، ئۇقۇمۇشلۇق كېلىدۇ. تېشى پال-پال، ئچى غال-غال قىزلارنى ھېچكىممۇ ياخشى كۆرمەيدۇ.

2. تۇرمۇشتىكى گۈزەللىكلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇڭ. مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئىستىكىدىكى ھەرقانداق كىشى دائىم خۇشال كەيپىياتتا يۈرىدۇ. قايغۇ-ھەسرەت مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى. سىز پەقەت تىرىشسىڭىزلا، جەمئىيەت سىز ئۈچۈن ئەڭ ئادىل بىلىنىدۇ. تۇرمۇشتىن ئاغرىنماڭ، بۇنداق قىلغىنىڭىز سىزنىڭ ياشاش ئۈچۈن ھەقىقىي تىرىشمىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.

3. مۇھەببەت فىلىملىرىنى ئاز كۆرۈڭ. بەختكە نەدىمۇ ئاشۇ فىلىملەردىكىدك ئاسانلا ئېرىشكىلى بولسۇن؟ كۆپۈككە ئوخشاش بۇنداق خىيالىي مۇھەببەت فىلىملىرى سىزنى خىيالپەرەس قىلىپ قويىدۇ.

4. سەۋر قىلىشنى، كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. تۇرمۇشتا ئاجايىپ مىجەزلىك كىشىلەرگە، نۇرغۇن ناھەقچىلىكلەرگە ئۇچرايسىز. باشقىلار بىلەن دەتالاش قىلغاندا بەزىدە نۇرغۇن ئىشلارنى غورۇرىڭىز كۆتۈرمەيدۇ. سەۋر قىلىش ھەرگىزمۇ ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى كەڭ قورساقلىقتىن ئىبارەت.

5. ئىسمى-جىسمىغا لايىق گۈزەللەردىن بولۇڭ. چىرايلىق قىزلار لوڭقىغا ئوخشايدۇ، ئۇنى مۇۋاپىق ئورۇنغا تىزغاندا ئاندىن قىممىتى بولىدۇ. مەن چىرايلىق دەپ ئۆزىڭىزگە تەمەننا قويماي، ئىچىمۇ، تېشىمۇ گۈزەل بولغان ھەقىقى گۈزەللەردىن بولۇشقا تىرىشىڭ.

6. مۇھەببەتنى بارلىقىڭىز قىلىۋالماڭ. ئۆتۈنۈش، يالۋۇرۇشنى مۇھەببەتكە ئېرىشىشنىڭ ئۇسۇلى دەپ ئويلىماڭ. ئاخىرى چىقمايدىغان مۇھەببەتتىن ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. بەلكىم ئەتراپىڭىزدا ئۇنىڭدىنمۇ لاياقەتلىك بىرسى سىزنى كۈتۈپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن.

ـــ ماتېرىيالدىن


مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز