ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى مىڭلىغان ئائىلىدىكى چاڭ–توزان ئەۋرىشكىلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ھەر بىر ئائىلىدىكى چاڭ–توزاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 2000 خىل زەمبۇرۇغ ۋە 7000 خىل باكتېرىيە بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئائىلە تۇرۇشلۇق رايون، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئائىلىدە ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ بار–يوقلۇقى قاتارلىق ئامىللار ئائىلىدىكى مىكرو جانلىقلارنىڭ تۈرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
زەمبۇرۇغ ھەقىقىي ھۈجەيرە يادروسىغا ئىگە بولغان بىر تۈرلۈك مىكرو جانلىق بولۇپ، كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ ۋە ئېچىتقۇچى زەمبۇرۇغلار كۆپ ئۇچرايدىغان زەمبۇرۇغلاردۇر. باكتېرىيە بولسا نۇكلېئوئىد(تەقلىدىي يادرو) غا ئىگە بىر تۈرلۈك مىكرو جانلىق بولۇپ، كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى ۋە ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى دەل مۇشۇ باكتېرىيە چوڭ ئائىلىسىگە تەۋە بولىدۇ. زەمبۇرۇغلار ئادەتتە كىشىلەرنىڭ كىيىم–كېچەكلىرىگە يېپىشىۋېلىش ئارقىلىق ياكى ئوچۇق تۇرغان ئىشىك–دېرىزىلەر ئارقىلىق ئۆيگە كىرىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ تۈرلىرى ئائىلە تۇرغان رايون بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بىراق تەتقىقاتچىلار كىشىلەرنىڭ ئائىلىلەردىكى بۇ مىكرو جانلىقلاردىن بەك ئەنسىرەپ كەتمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ زىيانسىز ئىكەنلىكىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/18/content_489484.htm