پەرزەنتلەرنىڭ ئادىتى ئائىلىدە يېتىلىدۇ
ۋارىسجان ئەھمەد
ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلىپ، پەرزەنتىنى تەربىيەلەش ئۈستىدە كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىدۇ...
ياش ئاتا – ئانا ئىشتىن كېلىپلا يان تېلېفون ئويناش، تېلېۋىزور كۆرۈشنى ئۆزلىرىگە ئادەت قىلىۋاپتۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بالىسى ئۇلاردىن يان تېلېفون تالىشىدىغان، چوڭراق پۇل تۇتقۇزسا يىغىدىن توختايدىغان بوپتۇ. ئاتا – ئانا ‹‹بالىمىز تولىمۇ ئەقىللىق ئىكەن، كىچىك تۇرۇپلا پۇلنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولدى›› دەپ خۇشال بولۇشۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ بالا ئاتا – ئانىسىدىنمۇ بەكرەك تېلېفون خۇمار، بەتخەج بولۇپ قاپتۇ. ئۇلار پەرزەنتىنىڭ بۇ خىل مىجەزىنى جەمئىيەتتىن، مەكتەپتىن كۆرۈپ، سەۋەبىنى ئازراقمۇ ئۆزىدىن ئىزدىمەپتۇ. ئۇ بالا بۇنداق ناچار ئادىتىنى تۈزەتمەكتە يوق مەكتەپتىن قايتىپلا سومكىسىنى بىر يەرگە، چاپىنىنى يەنە بىر يەرگە تاشلايدىغان، ئاخشىمى ۋاقتىدا ياتمايدىغان، ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرمايدىغان، ئۆزى بىلگەننى قىلىدىغان ياغاچ قۇلاق بولۇپ كېتىپۇ. دېمەك، بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەرگە كۆيىنىشنى زىيادە ئوچۇق – ئاشكارا ئىپادىلىگەچكە، پەرزەنتلەر بىلىپ – بىلمەيلا ئۆزىدە ناچار ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈۋالىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئاتا – ئانىلار ھەر قانچە كۈچىسىمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ بىر قىسىم ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى تەسكە توختايدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەرگە كۆيۈنىشنى زىيادە چەكتىن ئاشۇرماسلىق كېرەك. پەرزەنتلەرگە نەسىھەت قىلمايدىغان ئاتا – ئانا بولمايدۇ. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەرگە نەسىھەت قىلغاندا نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا، نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىقنى بىلدۈرۈشى كېرەك. چۈنكى، پەرزەنتلەر ھەممە ئىشتا ئاتا – ئانىسىنى ئۇستاز تۇتىدۇ. بالىلار يېتىلدۈرۈۋالغان ناچار تۇرمۇش ئادىتى ئاتا – ئانا، ئائىلە مۇھىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ مىجەز – خاراكتېرىگە ماس كېلىدىغان تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىلا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى