تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئازاپتىن قۇتۇلۇشنىڭ دورىسى

ئازاپتىن قۇتۇلۇشنىڭ دورىسى

بىر كىشى بىر دانا كىشىگە شۇنداق دەپتۇ : مېنى باشقىلار كۆزگە ئىلمايدۇ ، زاڭلىق قىلىدۇ . تىللايدۇ ، زىيان سالىدۇ . مەن ئامالسىز قىلىۋاتىمەن ، قانداق قىلسام بولىدۇ ؟

ئۇ دانا كىشى شۇنداق دەپتۇ : ئۇنداق بولسا سىز باشقىلارنى كۆزگە ئىلىپ ، ھۆرمەتلەڭ ، دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق گەپلەرنى قىلىڭ ، ماختاڭ ، زىيان سالماڭ ، خۇش قىلىڭ .
يۇقىرىقى مەزمۇندىن باشقىلار بىزگە ئازار بەرگەندە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش ھەققىدە مەلۇم بىشارەتكە ئىگە بولىمىز . 
ھەرقانداق بىر ئادەم دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ تۈرلۈك تۈمەن خىل كۆڭۇلسىز ئىشلارنى باشتىن ئۆتكۆزىشى مۇمكىن . بۇنى باشقىلار قەستەن كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇشىمۇ ، تاسادىپمۇ شۇنداق بۇلۇپ قالغان بولىشىمۇ مۇمكىن . دۇنيادا ئاتا – ئانا بالىغا ھەممىدىن بەك كۆيۇنىدۇ . ئازار يەپ قىلىشىنى خالىمايدۇ ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ، ئىشلار ئۆز ئارزۇسىدەك بولمىغاندا ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بالىغا ئازار بىرىدۇ . ئۆز ئاتا ئانىسى شۇنداق قىلىۋاتقان يەردە باشقىلار ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىدۇ . شۇ سەۋەبتىن ، بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋالمىغاندا ، يامان كەيپىيات جۇغلانمىسى ئىچىگە چۆكۇپ قالدىغان گەپ . بۇ يەردىكى مەسلىنىڭ نېگىزى شۇ ئازابلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە قەلبىدىكى ئازابنى ساقايتىش .  كەڭ قۇرساقلىق بىلەن قارشى تەرەپنىڭ روھىي ھالىتىنى كۆزىتىپ كەچۈرۋېرىش ، توغرا چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم . بىراق ، ئادەم كۇندىكىك تۇرمۇشتا باشقىلار سەۋەبلىك ئازابقا دۇچار بولغاندا ئۆزىنى باسالماي قالىدۇ . ھەتتا ئۆز ئېلىش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇشۇخىل ئازارنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشكە سەۋەپ بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىنكى ، ھەرگىزمۇ ئازابنى يەڭگىللىتەلمەيدۇ . ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل ئەپۇ قىلىش ، كەڭ قۇرساقلىق بىلەن كەچۈرۇۋېتىش .

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز