ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
مايمۇن شاپتۇلى تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، بىراق ئۇنىڭ خاراكتېرى سوغۇق بولغاچقا، كۆپ يېسە تال بىلەن ئاشقازاننى زەخىملەندۈرۈپ، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مايمۇن شاپتۇلىدىكى ئىنتايىن مول ۋىتامىن C بىلەن مېۋە يىلىمى ئاشقازان كىسلاتاسىنى كۆپەيتىپ ھەم ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، مەيدە ئېچىشىشنى پەيدا قىلىدۇ.
مۇتەخەسسلەر مۇنداق دېيىشتى: بۇ بايانلاردىن ئايانكى، ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە ئاشقازىنى بىلەن تېلى ئاجىز كىشلەر مايمۇن شاپتۇلى يېسە كېسەل ئالامىتى تېخىمۇ ئېغىرلايدۇ، شۇڭا مايمۇن شاپتۇلىنى كۆپ يېمىگەن ياخشى، بەك يېگۈسى كەلسە كۈنىگە بىردىن ئۈچكىچە يېگىنى ياخشى.