ئەتىگەن ساقال ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت، بۇ چاغدا تېرە بىر قەدەر بوش ھالەتتە بولۇپ، ساقال ئېلىش جەريانىدا يۈزنى يارىلاندۇرۇۋېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
1. ئەڭ ياخشىسى يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ساقال ئالماسلىق كېرەك، ساقال ئالغاندىن كېيىن يۈزىمىزدە قالغان نۇرغۇنلىغان ئۇششاق زەخىملەرنى كۆرەلمەيمىز، بۇ ۋاقىتتا يۈز تېرىسى بىر قەدەر سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ، ساقالنى ئېلىپ بولۇپلا يۇيۇنغاندا، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، چاش يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، ئىسسىق سۇ قاتارلىقلارنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ، تېرە قىزىرىپ قالىدۇ.
2. چېنىقىشتىن ئىلگىرى ساقال ئالماسلىق كېرەك. چېنىققاندا قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ، چېنىقىشتىن ئىلگىرى ساقال ئالغاندا كۆپ مىقداردىكى تەر يۈز تېرىسىنى غىدىقلاپ، ئېغىر بولغاندا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.