تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
پارچە پۇل خەجلەشتىمۇ چوڭقۇر ھېكمەت بار

لۈ يىزى

    ‹‹ئاپام كۈندە كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن ئىشقا بارىدۇ، ماشىنىمىز شۇنچىلىك ئېسىل بولسىمۇ ئۇنى ھەيدەپ مەكتەپكە بارمايمەن، چوپچوڭ بولۇپ قالغاندا يەنە ئاتا – ئانامنىڭ پۇلىنى خەجلەشكە يۈزۈم چىدىمايدىكەن.›› بۇ، قىزىمنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن چاغدىكى يۈرەك سۆزلىرى ئىدى، بۇ گەپلەر ماڭا ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم پۇل خەجلىگەن چاغدىكى ھېكايىسىنى ئەسلەتتى.

    قىزىمنىڭ يەسلىدىكى چاغلىرى ئىدى، يەسلىنىڭ ئالدىدا چوڭ – كىچىك يايمىلار بولۇپ، قىزىم يايمىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتسىلا ئۇنى – بۇنى ئالىمەن دەپ جېدەل قىلىپ تۇرۇۋالاتتى. دەسلەپ ئەرزان باھالىق نەرسىلەرنى ئالدى، كېيىنچە كۆزى كۆرگەنلىكى نەرسىلەرنى ئالىمەن دەپ يېپىشىپ تۇرۇۋالىدىغان بولدى.

    ئاخىرىدا ھېچقانداق ئامال تاپالماي، ئۇنىڭ بىلەن مۇنداق كېلىشتىم: بۈگۈندىن باشلاپ ساڭا ھەر كۈنى 20 كوي بېرىمەن، خالىغىنىڭنى ئال، ئېشىپ قالغۇدەك بولسا ماڭا قايتۇرۇپ بەر، گۆش ئېلىپ يەيمىز، ئېشىنالمىساڭمۇ كېرەك يوق، لېكىنزە گۆشنىڭ ئورنىغا ئۇماچ ئىچىمىز، دېدىم. قىزىم دەسلەپ 20 كويغا نېمىلەر كېلىدىغىنىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ھېسابلاپ، بازارغا چىقىپ ئۇنى – بۇنى ئېلىپ كەلدى، خالىغىنىنى ئېلىپ 20 كوينىڭ قانداق تۈگەپ كەتكىنىنى تۇيمايلا قالاتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا ئۇماچ ئېتىپ بېرەتتىم. نەچچە كۈن ئۆتە – ئۆتمەيلا گۆشسىز تاماققا كۆنمىگەن قىزىم ماڭا ‹‹ئاپا، بۇ پۇلنى سىزگە قايتۇرۇپ بەرسەم بىز گۆش ئېلىپ يېيەلەمدۇق؟›› دېدى.

    شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭغا پۇل بەرمەيدىغان بولدۇم، لېكىن ئۇ كۈندە ھېلىقى يايمىدىن ئۆتكەندە ئويۇنچۇقلادىن كۆزلىرىنى ئۈزەلمەي ئۇزاق قاراپ كېتەتتى ھەم مەندىن قاچانلىققا پۇل ئاشۇرۇپ ئاشۇ ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىدىغىنىمنى سورايتتى. مەن كۆكتات سېتىۋېلىپ بولۇپ پۇل ئاشسا ئاندىن ئېلىپ بېرىمەن، دەيتتىم. ئۇ ھەركۈنى يەسلىنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپلا يايمىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاراپ كېتەتتى، بەزىدە تېخى مەندىن كۈندە بىر كوي ئېشىنچا پۇل بېرىشىمنى ئۆتۈنەتتى، مەن يەنىلا ‹‹ئەھۋالغا قارايلى›› دەيتتىم. بارا – بارا قىزىم ئۇنى – بۇنى ئالىمەن دەپ جېدەل قىلمايدىغان بولدى.

    دەسلەپتە، بۇ تەربىيەنىڭ قىزىمغا بىر ئۆمۈر ئەسقاتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. قىزىم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان چاغلار ئىدى، ئەتراپىمدىكى كۆپىنچە ئاتا – ئانىنىڭ بالىلىرىنىڭ ماركا قوغلىشىپ، بەتخەجلىك قىلىدىغانلىقىدىن ئاغرىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم، لېكىن قىزىم ئىزچىل مەكتەپ فورمىسىنى كىيىپ ئاددىي – ساددا يۈردى. بىر دوستۇم قىزىمنىڭ ماركا قوغلاشمايدىغانلىقىغا چىن پۈتمەي، مەن يوق يەردە ئۇنىڭدىن ‹‹ئاپىڭىز سىزگە مودا كىيىم ئېلىپ بەرمىگەچكە، مودا كىيىملەرگە قىزىقمايسىز شۇنداقمۇ؟›› دەپ سوراپتىكەن، قىزىم ‹‹ماڭا راستىنلا ئۇلارنىڭ كېرىكى يوق، مېنىڭ ۋەزىپەم ئوقۇش، مەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمنى ياخشى قىلالمىسام، داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيگىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟›› دەپتۇ.

    ئېرىم سىرتتا ئىشلىگەچكە مەندىن ئەنسىرەيتتى. قىزىم ئالىي مەكتەپكە چىققان بولسىمۇ مەكتەپتە ياتماي ھەر كۈنى كەچتە ئۆيگە قايتىپ كېلەتتى. سەھەر سائەت بەش يېرىمدا ئۆيدىن چىقىپ ئىككى ئاپتوبۇس ئالمىشىپ ئاندىن مەكتىپىگە بارالايتتى. ياز ۋاقتىغۇ ياخشى، بىراق قىش كۈنلىرى ئۇنىڭغا بەك جاپا بولاتتى. ئېرىم قىزىمغا چىدىماي ئۇنىڭغا بىر ماشىنا ئېلىپ بەردى، بىراق قىزىم ھەيدىگىلى ئۇنىمىدى. ئۇ ئاپام كوچا ئاپتوبۇسىدا قىستىلىپ يۈرۈپ ئىشقا بارىدۇ، ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ماشىنىسىمۇ بىزنىڭ ماشىنىغا يەتمەيدۇ. چوپچوڭ بولۇپ قېلىپ يەنە سىلەرنىڭ پۇلۇڭلارنى خەجلەۋەرسەم راستىنلا ۋىجدانىم چىدىمايدىكەن، دېدى. ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا قىزىم ناھايىتى ئېدىتلىق پۇل خەجلىدى، ئۇنىڭ يانچۇقىدىن پۇل ئۆكسىمىدى.

    بىز ئۇنىڭغا ئۆيدە پۇل بار قىزىم، قىسىنماي خەجلە دېسەكمۇ، ئۇ تاماق كارتام بار، بانكا كارتامدا پۇلۇممۇ بار دەپ قوياتتى، تېجەشچانلىق ئۇنىڭ ياخشى بىر ئادىتىگە ئايلانغانىدى.

    قىزىم ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئەنگلىيەگە چىقىپ ئوقۇدى، بۇ جەرياندا ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ تۇردى، ئۆزى تاماق ئېتىپ يەپ بىر پۇڭمۇ ئارتۇق چىقىم قىلمىدى. مەن چەت ئەلدە ئوقۇيدىغان باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا قىزىمنىڭ ئوقۇش پۇلىدىن باشقا خىراجەتلىرىنى تىلغا ئالسام ئۇلارنىڭ قەتئىي ئىشەنگۈسى كەلمىدى. قىزىم ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردىكى بىر ئىدارىگە خىزمەتكە چۈشتى. قىزىم ئۇ يەرگە تىزىملاتقاندا خىزمەتچى خادىملار تولىمۇ ھەيرانلىق ھېس قىپتۇ، چۈنكى بۇ پىراكتىكا بازىسىدا تاپىدىغان پۇلنىڭ تايىنى يوق ئىكەن. لېكىن قىزىم ‹‹ھەرقانداق خىزمەت ئورنىدا بىر قېتىملىق چېنىقىش ۋە سىناق پۇرسىتى بار. ئەڭ مۇھىمى سېنىڭ خىزمەت بىلەن مائاشنىڭ مۇناسىۋىتىگە قايسى نۇقتىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىڭدا›› دېدى. ئۇ مۇشۇ ئاددىي خىزمەت ئورنىدا باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتقىلى ئىككى يىلچە بولدى. بۇ جەرياندا ئۇ كىتابتا يوق نۇرغۇن ئەمەلىي بىلىمنى ئىگىلىدى. مەن ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسىپ تاللاش ۋە قارار چىقىرىش جەھەتتە تېخىمۇ روشەن نىشانلارنى كۆزلىيەلەيدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەندىم.

    تۇرمۇش ئىمتىھان ئەمەس. ئۇ نۇرغۇن تاسادىپىيلىققا، ئىنچىكە ھالقىلارغا تولغان بولىدۇ، تۇرمۇشنىڭ ئىمتىھانغا ئوخشاش تەكرار قىلىش دائىرىسى يوق ھەم قارا – قويۇق يادلىساقلا يۇقىرى نومۇر ئالىدىغان ئىش يوق. ئائىلە تەربىيەسى ئادىمىيلىكنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇھىمى ئاتا – ئانىلار كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىك ھالقىلاردىن باشلاپ بالىلارغا كۆيۈنۈپ، ئۇلارغا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆگىتىشى، قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىنىشنى بىلدۈرۈشى، ئەقىل – پاراسەتلەرنى ئۆگىتىشى لازىم. ھازىرغىچە نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىلار ئۈچۈن زور مەبلەغ سالدى، نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى، بىراق بۇ بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتكۈزۈشى ۋە ئىش تېپىشىدا نۇرغۇن مەسلە كۆرۈلدى. ئەگەر بالىلار كىچىك ۋاقتىدا ‹‹ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش›› دەيدىغان تەييارتاپلىققا ئۆگىنىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ خىزمەت تاپالىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، بۇنداق بالىلار كىچىك ئىشنى ياراتمايدىغان، چوڭ ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار چەكلەشنى ياقتۇرمايدۇ، جاپادىن قاچىدۇ، ئۇلارنىڭ ھە دېسىلا ئاتا – ئانىلىرىنى يۇنۇشىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.

    بالىلارنىڭ پارچە پۇللارنى جايىغا ئىشلىتىشىنىڭ مۇشۇنچىلىك تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەنمەن، ئائىلە تەربىيەسى كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىدىكەن ھەم ئاشۇ كىچىك ئىشلارغا ھامان چوڭقۇر ھېكمەت يوشۇرۇنغان بولىدىكەن.

    ياسىن مەتنىياز تەرجىمىسى

ئەسلى مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز