ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
پېنسىيىگە چىققان بىر قىسىم ياشانغانلار «ئەمدى ھېچ ئىش قىلماي، راھەت كۆرىمەن» دېيىشىدۇ. ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىچى سىقىلغاندەك بولۇپ، ھېچ يېرى ساق ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ-دە، كېسەل بولۇپ قالدىممۇ نېمە؟ دەپ گۇمانلىنىدۇ. ئويلىغانسېرى يۈرىكى نورمال سوقمايۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، يول ماڭغاندا پۇتى ئېغىرلىشىدۇ، كەيپىياتى كۈندىن-كۈنگە جىددىيلىشىدۇ. نەتىجىدە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن كۈنسېرى ئاجىزلايدۇ، ھەرخىل كېسەللىكلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا «ھۇجۇم» قىلىدۇ.
پسىخولوگلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بىكار قالغان چاغلىرىدا خۇشاللىق خۇشاللىق ئەمەس، بەلكى ئازاب ھېس قىلىشىدىكەن. چۈنكى، بىكار چاغلاردا چوڭ مېڭە ئۇششاق ئىشلارنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن. قىلىدىغان ئىش بولغان چاغلاردا خىزمەت جەريانىدىكى ئۇچۇرغا ئىش قوشۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ، بەزى ئۇششاق ئىشلارغا يېتىشەلمەيدىكەن. بىكار قالغان چاغلىرىدا بارلىق ئۇششاق ئىشلار جۈملىدىن، ئۆز ئەھۋالى كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ مەركىزى بولۇپ، ئۆز ئەھۋالى ئۈستىدە سەزگۈرلۈك شەكىللىنىپ، غەمگە پېتىپ كېتىدىكەن.
بىكار يۈرۈش ساغلاملىققا پايدىسىز. شۇڭا ياشانغانلار بىكار يۈرۈشنى قوغلاشماسلىقى، ئۆزى قىزىقىدىغان ھەم قۇربى يەتكۈدەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا ئاندىن تۇرمۇش خوشاللىقىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.