غەزەللەر
ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك
قەدىم توغراققا ئوخشايمەن
قاراپ باقساڭ سىياقىمغا قەدىم توغراققا ئوخشايمەن،
سۈكۈت يۇتقان مىنۇتلاردا «بىغەم» چاقماققا ئوخشايمەن.
چۇرۇقلاپ سايرىسام تىللا يوپۇرماقلار قىلار جەۋلان،
قۇلاق سالساڭ ئاۋازىمغا كۈيى ئويناققا ئوخشايمەن.
شېخىدىن ئاجرىسا يۇلتۇز يېلىنجاپ كۆككە ئىنتىلدىم،
چوغى تۈنلەرگە ئوت قويغان قارام بويتاققا ئوخشايمەن.
باھار ئەييامىدا مىغ-مىغ چىقار يىلتىزلىرىم بىخلاپ،
تۇغۇمنىڭ ئىشقىدا گاھى شېرىن تولغاققا ئوخشايمەن.
گۈزەل ئىستەكلىرىم ئۇچقاي چىرايلىق بىر جۇلا ئىزدەپ،
ئۆزىدىن ھالقىماق بولغان دىلى ئويغاققا ئوخشايمەن.
مېنى چۆللەردە بار دەڭلار
يېيىلدىم مەن باياۋانغا، مېنى چۆللەردە بار دەڭلار،
ئۆزۈمدىن چىقمىسام قاڭقىپ، كۆمەر ئىستەكنى قار دەڭلار.
كېتەر ياپراقلىرىم ئۈششۈپ ئاياپ يۈرسەم كىيىكلەردىن،
قېقىلغان چاغدىمۇ مىخقا ۋاپا باغرىغا يار دەڭلار.
ئۇچۇپ چىققاندا قۇملۇقنىڭ تېگىدىن مۇڭ قوقاس چىشلەپ،
يىغىپ قۇشلارنى بىر جايغا چېكەر بارماقى تار دەڭلار.
يۇيۇپ چىقماقنى ئىزدەيمەن سۈزۈك ياشلاردا روھىمنى،
يېنىشتىن ئۈركىگەنلەرنى ياشار پىنھاندا خار دەڭلار.
ھەقىقەت نۇرىغا چۆككەن چاچار تەسكەيگە ئوت-ئاتەش،
قىلىچ ئۇرسام بۇ ھېكمەتكە كۈتەر باشىنى دار دەڭلار.
خوراز چىللايدۇ
كۈمۈش تاڭنى باغاش ئەت دەپ خوراز چىللايدۇ، چىللايدۇ،
ئۇنى روھقا قاياش ئەت دەپ خوراز چىللايدۇ، چىللايدۇ.
دېۋەيلەپ كەلسىمۇ غەپلەت يىگىتلىك قەھرىدە يەنجىپ،
بىغەم قۇلدەك ياۋاش ئەت دەپ خوراز چىللايدۇ، چىللايدۇ.
ساداقتىن قاڭقىغان ئوقتەك پايانىڭغا چۆكۈپ ئۈنسىز،
سېھىر- ئەپسۇننى پاش ئەت دەپ خوراز چىللايدۇ، چىللايدۇ.
ئىچىدىن يورىغان ئىنسان ئۆزىگە پادىشاھ بولغاي،
كۆكىڭدە بىر قۇياش ئەت دەپ خوراز چىللايدۇ، چىللايدۇ.
چۇرۇقلاپ سايرىسا ئارمان چېچەكلەر ھۆپپىدە مىڭ جان،
تىلەكلەرنى ھاپاش ئەت دەپ خوراز چىللايدۇ، چىللايدۇ.
ئاچالدىكى شىۋىرلاش
ئەقىدە تاغلىرىڭ كۆيگەچ، ساڭا خوش دەپ كېتەي دوستۇم،
يېنىپ تۇرغان قارا تاشقا يېشىمدىن سۇ سېپەي دوستۇم.
سەھەردە سايرىغان تورغاي ئاۋازى جاننى ياشناتقاي،
ياشاپ قۇشلار ئاراسىدا كۆڭۈلنى خۇش ئېتەي دوستۇم.
يىگىت بىر تامچە ياش تۆكسە نومۇستىن تولغىنار تۇپراق،
چۆكۈپ روھىمغا يالقۇنلۇق غەزەللەرنى پۈتەي دوستۇم.
جۇدالىق پەسلىدە پىشقاي مۇھەببەت ئالمىسى ئەسلى،
ئازاب تەكتىدە ئاشىقلىق ماقامىغا يېتەي دوستۇم.
ۋاپا دەرياسىغا قانغان قۇياشقا ئايلىنار بالدۇر،
ۋاپانى تۇتىيا بىلگەن جانانىمنى كۈتەي دوستۇم.
كېتەردە بەگتۈرك قاتقان قاناتىنى ساڭا بەرگەي،
مېھىرنى قاينىتىپ ئۈنسىز بۇ دۇنيادىن يۈتەي دوستۇم.
سەھەردە سايرىغان دەمدەر
سەھەردە سايرىغان دەمدەر ئاۋازى تۈنگە ئوت ياققاي،
كۆڭۈلگە سىرغىغان بىر مۇڭ كۆيۈك ئاسماندا پەر قاققاي.
ئەسىرلەردىن بىرى ئاشىق تىرىك كۆيگەن باياۋاندا،
ئەزىم دەريا كەبى شوخلاپ مۇھەببەت كەۋسىرى ئاققاي.
يۈرەكنىڭ تەكتىگە پاتقان پىچاقنى كۈچ بىلەن تارتىپ،
دىلى سەندەل كەبى قاتقان قورام تاشقا كاچاتلاتقاي.
شېخىدا سۈپسۈزۈك روھنىڭ باراقسان كۆكلىگەن لەززەت،
شىرىن دەملەردە شەيتاننىڭ كۆرەڭ قەلئەسىنى چاققاي.
تىلەكلەر ئىشقىدا ئەھمەت يىلىنجاپ يانسا يۇلتۇزدەك،
قېنىدا مۈگدىگەن ئاق ئات قۇياشقا كۆكسىنى ياققاي.
تاغلارنى قۇچاقلاش
چۆكۈپ باغرىڭغا بىر لەھزە پايانىڭغا ئاقاي تاغلار،
سېغىنغان چوغ يۈرەكىمنى ساڭا بىردەم ياقاي تاغلار.
ئۆسۈپ قۇملۇقتا توغراقتەك قاناتىمنى بىلەپ كەلدىم،
قونۇپ يەلكەڭگە بۇركۇتتەك يىراقلارغا باقاي تاغلار.
سىنەڭگە تەلمۇرۇپ كۆپ يىل كۆزۈمنىڭ يۇلتۇزى ئۇچتى،
تېشىنى ئۇشبۇ ھىجراننىڭ تۇرۇپ بەردەم چاقاي تاغلار.
سىرىڭنى ئاڭلىسام ئىسسىق قېنىمدا ئارغىماق كىشنەر،
ئۇزاق تارىخنى سۆزلەپ بەر، ئىچىمدىن بىر تاشاي تاغلار.
غەيۇر تۇرقۇڭ سالار دائىم ئۇلۇق بوۋامنى يادىمغا،
سېنى ساقلاپ يامان كۆزدىن تۇمارىمنى ئاساي تاغلار.
تالاي جەڭنىڭ ئىزى چاقنار تېشىڭنىڭ چېھرىدە گۈل-گۈل،
چېكىپ ئىزلارنى قەلبىمگە قۇياشتەك ئۇز ياناي تاغلار.
سىلاپ قويساڭ پىشانەمنى پورەكلەر بەگتۈرك قات-قات،
ئېمىپ مېھرىڭنى قوش قوللاپ سەبىيلەردەك قاناي تاغلار.
كۆڭۈل تاشقىنى
سۇنۇق كۆڭلۇمدە ئۆركەشلەپ تېنىم تاپماي ئاقار بىر كىم،
سوغۇق تۈنلەردە ئوت ئىزدەپ لېۋىمگە لەۋ ياقار بىر كىم.
سادالار تاشمىسا روھتىن قورام تاش چۈش كۆرەر ئۇندا،
سوقۇپ قەھرىدە تاشلارنى ئارام بەرمەي چاقار بىر كىم.
ئىچىدىن قاينىغان ئەرگە شىرىن چۈشلەر قۇچاق ئاچقاي!
قونۇپ ئاق باش قىيالارغا ماڭا ئويچان باقار بىر كىم.
قېنىمدىن ئۆرلىگەن ئۇچقۇن ھاياتقا رەڭ، جۇلا بەرسە،
بۇلۇتلار كۆكسىنى داغلاپ تېنىمسىز پەر قاقار بىر كىم.
ئېسىپ بوينۇمغا كولدۇرما باياۋانغا كىرىپ كەتتىم،
ۋىسال پەسلىدە قۇتلۇقلاپ يۈرەككە گۈل تاقار بىر كىم.
قوقاس تىلسىمى
قوقاسقا شۇڭغىساق دىلبەر تىلەك قانغاي ھارارەتكە،
سېنىڭ ئىسمىڭ ئۇيۇپ قالغان چېچەك قانقاي لاتاپەتكە.
جاھانغا ئوت سۇنۇپ كەلگەن ئەزەلدىن ئەھلى ئاشىقلار،
تىنىقتىن چاچرىسا يالقۇن پىلەك قانغاي بالاغەتكە.
كۆيۈك چاققان لېۋىم ئوخشاش ياتار تۇپراقلىرىم چاڭقاپ،
ئۈنۈپ چىقساق يېرىپ مۇزنى چۆنەك قانغاي سالاپەتكە.
رەقىبلەر ئۇنتۇسا بىزنى قەدىر-قىممەتنى قۇم باسقاي،
سەھەر كەپتەرگە ئايلانساق تۈتەك قانغاي زالالەتكە.
مۇھەببەت ئەسلى بىر خۇمدان، پىشار خۇمداندا ھەر ئىنسان،
كۆرەڭ تىترەككە قۇل بولساق يۈرەك قانغاي جاراھەتكە.
يۇلقۇنۇش
كېچەڭدىن يۇلقۇنۇپ چىقسام مېنى چاقماققا ئوخشاتقىن،
ساڭا كۆكلەم بولۇپ قونسام مېنى ياپراققا ئوخشاتقىن.
خۇمارى تۇتسا كۆز تىككەي غەيۇر ئەركەككە بۇ دۇنيا،
گۇلاب تۇتسام ئاڭا بىر جام مېنى قايماققا ئوخشاتقىن.
تۇرار يەلكەمدە قۇشلارنىڭ ساناقسىز چاڭگىسى غەمكىن،
ئۇنى قىرغاققا يەتكۈزسەم مېنى قولۋاققا ئوخشاتقىن.
ئۆتەڭگە چوغ كۆمۈپ قويدۇم ئېزىپ يۈرمەس بۈيۈك كارۋان،
ئىزىمدىن بىخلىسا رەيھان مېنى بايراققا ئوخشاتقىن.
ۋاپا دەرياسىنى دائىم قېنىمدەك قاينىتىپ كەلدىم،
يۈرەكتىن ئۇچسا بوز تورغاي مېنى قونداققا ئوخشاتقىن.
سەپەردىن يانغۇچە ئەھمەد ئۆزىگە لىققىدە تولغاي،
قۇياش چۆككەندە باغرىمغا مېنى تۇپراققا ئوخشاتقىن.
كەلمىش شەرھى
تۆكۈپ گۈللەرگە مېھرىمنى قېتىغا مۆككىلى كەلدىم،
قېچىپ يۈرگەن كىيىكلەرگە سىرىمنى تۆككىلى كەلدىم.
دېڭىزنى تىڭشىساڭ بىر پەس ئۇنىڭمۇ ئۆز تىلى باردۇر،
بىلەي دەپ ئەركە دولقۇننىڭ تېگىگە چۆككىلى كەلدىم.
چىرايلىق تاڭدا بوز تورغاي ياقا يىرتىپ ناۋا قىلغاي،
بولۇپ مەستانە قۇشلارنىڭ دىلىنى ئۇتقىلى كەلدىم.
چېقىلغايمەن قېنىپ سۆيگەن ئەزىزلەرگە ئازار يەتسە،
قۇيۇپ جامغا جىمى دەردنى غېرىبتەك يۇتقىلى كەلدىم.
مۇبادا شەيتىنىم پۇۋلەپ قېنىمدىن ئۈنسە رەسۋالىق،
غۇرۇرنىڭ شەمشىرى بىرلە ئۆزۈمنى سۆككىلى كەلدىم.
ئىشىق سەۋداسى ھەر ئەسنا بېشىمغا ياغسىمۇ لەپ-لەپ،
مۇھەببەتنىڭ سىناقىدىن ئېزىقماي ئۆتكىلى كەلدىم.
ئۆزلۈك تولغىقى
ماڭا ئۆزلۇك قۇچاق ئاچقاي ئىچىمدىن بىر تېشىپ چىقسام،
مېنى بوغقان سوئاللارنى ئەقىل بىرلە يېشىپ چىقسام.
تىلەكلەر خام قىلىپ نەچچە تىتىلدى ناتىۋان باغرىم،
چۆكەر كۈلگە پۇچەك سايەم قىيام باغلاپ پىشىپ چىقسام.
سادالار پەر قېقىپ ئۇچقاي، غىرىبنىڭ باغرىنى قۇچقاي،
مۇھەببەتنىڭ راۋابىغا جېنىمدىن تار ئېشىپ چىقسام.
تېرەمنىڭ ئاستىدا شەيتان تۇرار دائىم مېنى ساقلاپ،
دىلىم كۈندەك زىيا چاچقاي ئۈمىدكە چىرمىشىپ چىقسام.
سىلاپ يۇمران قاناتىمنى مېنى سۆيگەي باھادىرلىق،
سىرىمنى ئاڭلىتىپ «مەن»گە قېنىپ بىر سىردىشىپ چىقسام.
دوستلىرىم بارمۇ؟
يۈرەكتىن بالقىغان تاڭنى كۈتەرگە دوستلىرىم بارمۇ؟
خورازنى ئويغىتىپ، نەزمە پۈتەرگە دوستلىرىم بارمۇ؟
ساداقەت ئەھلىنىڭ دائىم يولىدا لەخمە مۇگدەيمىش،
ئۈمىدكە مىنگىشىپ بىللە ئۆتەرگە دوستلىرىم بارمۇ؟
شىۋىرغان ھۆكىرەپ كەلسە قىياقنى چەيلىمەي كەتمەس،
جۇدۇن تەكتىگە گۈلخاندەك چۆكەرگە دوستلىرىم بارمۇ؟
ۋەتەن دەپ كۈيلىگەي قانلار، ۋەتەندە كۆكلىگەي جانلار،
ۋەتەنگە مېھرىنى يۈم-يۈم تۆكەرگە دوستلىرىم بارمۇ؟
بولۇپ مەلئۇنغا رايىش قۇل ۋەتەندىن كەچسە كور ئاشىق،
قەلەمنى نەيزىدەك ئۇشلاپ سۆكەرگە دوستلىرىم بارمۇ ؟
چېچەك قىسماستا ئارمانىم بېشىم تەندىن جۇدا بولسا،
قۇياشنىڭ نۇرىدا پاكلاپ كۆمەرگە دوستلىرىم بارمۇ؟
مەنبە: «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 2-سانى