تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
نورۇزنامە

   نورۇزنامە 


   (ئىبراھىم ئەلى مەكىمىي) 

گۈل بولۇپ، گۈل - گۈل بولۇپ ۋاھ! خۇشچىراي ئاچتىڭ نورۇز،

بار جاھانغا ئۇز ئېھتىرام نۇر - مېھىر چاچتىڭ نورۇز.


چىرىڭ - چىرىڭ قار - مۇز ئېرىپ ئەگىز سۇلىرىڭ ئايھاي!...

چېھرىڭ كۈمۈش دەريا بولۇپ باغباران قاچتىڭ نورۇز.


زېمىن - تۇپراق قېنىپ ئۇخلاپ ئويغاندى ناز ئۇيقۇدىن،

قايناق ئېتىز كەڭ باغرىغا گۈلخانلار ياقتىڭ نورۇز،


ئاققۇ، ئۆردەك، غاز تۇرنىلار ئۇسسۇل ئويناپ كېلىشتى 

مەرھابا! ... دەپ ساما ئەيلەپ ساز - مۇقام چالدىڭ نورۇز.


ئوماق ئوغۇل چالدى پۇشتەك، بىغۇبار پاك قىزلارغا،

قىرىق بىر تال چەشتەڭگىنى چېچىغا ئاستىڭ نورۇز.


ھورى يەڭلىغ كېپىنەكلەر قوندى شاپتۇل بەرگىگە،

پىچىرلىشىپ لەۋ سۆيۈشتى خويمۇ ياراشتىڭ نورۇز.


ئۆستەڭ بويى يالپۇز ھىدى، كۈلۈپ چىقتى ئۇچقۇلاق،

سېرىنگۈللەر چاچتى پۇراق زوق - ھۇزۇر ئالدىڭ نورۇز.


ئاشىق - مەشۇق قىز - يىگىتلەر تىراكتورنى سايرىتىپ،

كۆك يېيىشىپ كۆز بېقىشسا، ئاي بولۇپ باقتىڭ نورۇز.


ئاقىل بوۋام نورۇز ئاتاپ كۆك قوچقارنى سۆيۈشتى،

نورۇز ئېشى شىپالىق دەپ جىق ئىشىك قاقتىڭ نورۇز.


ئاقباش مومام توققۇزداننى - شاھانە ئاش دەپ ئەتتى،

كۆك ئېشىنى - ئاسمان دېدى، كۆكتۇمار ئاستىڭ نورۇز.


ئۆيدە مەشرەپ، سەھرادا قوي - چېلىش، ئوغلاق، ئېلەڭگۈچ،

ھەممە ياندا نەغمە - ناۋا قىياندەك تاشتىڭ نورۇز.


سابا ئەيلەپ قەھ - قەھ ئۇرۇپ بۇلبۇل قۇشلىرىڭ مەستخۇش،

ھەيادىبان قىش - زىمىستاننى يۇلتۇزدەك ياندىڭ نورۇز.


مەغرىبۇ - مەشرىق تامانغا قۇت - مۇبارەك ئەيلىدىڭ،

كۆك قازاندا، كۆك چۆچۈرە، كۆك گۆھەر يايدىڭ نورۇز.


ئوسما قاشلىق چېچەن چوكان قىر بېشىدا پەرۋانە.

گاھ ئاش ئۇسار، گاھ قاش ئاتار قاقاقلاپ قاندىڭ نورۇز.


زەم - زەم بۇلاق، نورۇز بۇلاق تەۋۋەرۈك قالغان مىراس،

ئەۋلادلارغا گۈل سوۋغا دەپ زەر پۈتۈك يازدىڭ نورۇز.


سېنى دېھقان كۈچ - مادارى تاغ - تاغ كەبى ئاشقاي دەپ،

كۆك ئېشىڭدىن كەۋسەر ئېتىپ بال كەبى تامدىڭ نورۇز.


كېچەلمىدىم، كېچەلمەيمەن نورۇز ئاش، چۆچۈرىدىن،

ھەكىمىگە تا مەڭگۈلۈك كۆيۈك - ئوت سالدىڭ نورۇز.

ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 



ئەسلى مەنبەسى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز