تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئائىلە مۇھىتى بالىلارنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل

مۇتەخەسىسىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئائىلە مۇھىتى بالىلارنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەن. كۆپىنچە بالىلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئەگەر بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئاز بولۇپ، ئۇخلاش ۋاقتى تەرتىپسىز بولسا بالىلارنىڭمۇ ئۇيقۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    بىرىنچى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن دەرس بېسىمىنىڭ زىيادە ئېغىر بولۇپ كېتىشىمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىز بولۇپ قېلىشىنىڭ مۇھىم ئامىلى ئىكەن.

    ئىككىنچى: ئۇزاق مۇددەت تېلېۋىزور كۆرۈش، كومپىيۇتېردا مەشغۇلات قىلىشمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇنىڭغا ئاتا-ئانىلارنىڭ باشقۇرۇشىنىڭ چىڭ بولماسلىقىنى، بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىغا تېخىمۇ بەك كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.

    ياخشى، يېتەرلىك ئۇخلىيالمىغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى كېچىكىدىكەن. زېھنىنى يىغىش ئىقتىدارى، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن ھەم بىر قاتار ھېسسىيات مەسلىلىرى كېلىپ چىقىشى مۇمكىنكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، يەنە بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنىڭ ئالتە ياش مەزگىلىدە ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىسا، ياشلىق مەزگىلىدە سەمىرىپ كېتىدىغان ۋە بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن.13ياشتىن 18ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەر ئەڭ ياخشىسى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن 30 مىنۇتتىن 45 مىنۇتقىچە ئۇخلىۋېلىشى كېرەك، بۇنىڭ زېھنىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىسى بار.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/21/content_491603.htm 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز