تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
گۈزەل مەخپىيەتلىك

كىمنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەل مەخپىيەتلىكى يوق دەيسىز؟ پەقەت بەزى مەخپىيەتلىكلەر كىشىلەر ئارىسىدا ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ، «ئانالىزچىلار» نىڭ مۇلاھىزىسى بىلەن زايە بولۇپ كېتىدۇ، خالاس.

مەخپىيەتلىك قەلبتە ساقلانسا ئەڭ مۇۋاپىق. قۇشقاچ ئۇۋا سالغان دەرەخ يوپۇرمىقىدىن ئايرىلىشتىن قورقمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى ھەمراھ بولىدۇ. گۈزەل مەخپىيەتلىكى بار كىشى يالغۇز قالسىمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلمايدۇ. مەخپىيەتلىك بەك چوڭ بولسا بولمايدۇ، بولمىسا ساقلىغىلى بولماي قالىدۇ، بەك كىچىك بولسىمۇ بولمايدۇ، بولمىسا ئاسانلا يىتتۈرۈپ قويىدۇ.

ئىشتىن چۈشۈپ قايتىۋاتقىنىدا تۇنجى قار ياغدى. كوچىدا بۇ قار خۇددى مەن ئۈچۈنلا يېغىۋاتقاندەك، قارنىڭ ئاستا لەپىلدەپ، يەرگە يەڭگىل قونۇشى بەئەينى بىر لىرىك مۇزىكىدەك. بۇ خىل كۆرۈنۈشنى، ھېس-تۇيغۇنى تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. ئاشۇ گۈزەل مىنۇتلارنى ئەمدى قايتا كۆرەلمەيمەن، باشقىلار بىلەنمۇ ھەمبەھرىلىنمەلمەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ مېنىڭ گۈزەل مەخپىيەتلىكىمگە ئايلاندى. بۇنداق مەخپىيەتلىك ھەم گۈزەل بولىدۇ، ھەم كىشىنى ھارغۇزمايدۇ. 

بىراۋنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ، ئېغىز ئاچالمىغان چاغلاردا يۈرەك بىردەم تېز سۇقۇپ دۇمباق چالسا، بىردەم ئاستا سۇقۇپ قۇلۇلىدەك بولۇپ قالىدۇ، كىشى بىردەم ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىغۇسى كەلسە، بىردەم دەرياغا سەكرىۋالغۇسى كېلىدۇ. بۇنداق مەخپىيەتلىك ھەم جەننەت، ھەم دوزاخ، بۇ يالغۇز بىر كىشىنىڭ جېڭى، مەيلى يەڭسە، مەيلى يېڭىلسە، كىشىنى ئوخشاشلا ھاياجانغا سالىدۇ.

بىرسى دۇنيادىكى بىر نەرسىگە كۆزى چۈشۈپ قالدى، بىراق ئۇنى ئالالمىدى. پەقەت ۋاقتى يەتسە بېرىپ شۇ نەرسىنى كۆرۈپ كەلدى. ئۇ نەرسىنى ئۇزاق مەزگىل «يوقلاش» جەريانىدا ئۇنىڭغا ئاستا ئاستا ئۆچ بولۇپ قالدى، ئاندىن ئۇ نەرسىنى باشقىلار سېتىۋالدى، ئۇ كىشى ئاخىر غەمدىن خالاس بولدى. بۇنداق مەخپىيەتلىك كىشىنىڭ ئەپسۇسنى ھەم ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ. 

گۈزەل مەخپىيەتلىك بىر كىشىنىڭ ئالتۇن كانىغا ئوخشايدۇ. كۈن كۆرمىسىمۇ ئۇنىڭدا بايلىق بارلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. گۈزەل مەخپىيەتلىكى بار كىشى ئەھمىيەتلىك كىشى بولىدۇ، قىزىقارلىق بولىدۇ، بۇنداق كىشىنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ، گۈزەل مەخپىيەتلىكىنى ياخشى ساقلايلى، خۇددى بانكا ئامىتى ياكى سۆيگىنىڭىزنى ياخشى ساقلىغاندەك......

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز