شىنجاڭ تورى خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى جەمئىيەتتىن 1228 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىش قارار قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ھەر قايسى دىۋىزىيە ئورگان-ئىدارىلىرىغا 173 نەپەر، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر قايسى ئورگانلارغا 1055 نەپەر قوبۇل قىلىدىكەن. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلار 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ توردا تىزىملىتىشنى باشلىسا بولىدىكەن.
بىڭتۈەن مەمۇرلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جياڭ چىڭشەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىملىق ئىمتىھاندا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوبيېكتلار ئاساسلىقى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقانلار، شىنجاڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان تۆت تۈر خادىملىرى (ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرى، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانىدىكىلەر، «ئىستۇدېنت پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي شىمال پىلانى» دىكىلەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتقان ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلار)؛ بىڭتۈەن تاللاپ ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلار؛ شىنجاڭ نوپۇسىدىكىلەر ياكى ئۆز يېرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار؛ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئىچكىرىلىك ئوقۇغۇچىلار؛ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار، شىنجاڭ نوپۇسىدىكى خادىملارنىڭ جورىلىرى ياكى پەرزەنتلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ جورىلىرى ياكى پەرزەنتلىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقانلارنىڭ جورىلىرى ياكى پەرزەنتلىرى ئىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق ئىمتىھانغا تىزىملىتىدىغانلار بىڭتۈەن تورى (www.btpta.gov.cn)، بىڭتۈەن كادىرلار ئىختىساسلىقلار تورى ( www.xbrs.gov.cn)، بىڭتۈەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى تورى ( www.xjbt.gov.cn) قاتارلىق تور بەتلەردىن ئالاقىدار ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلسا بولىدىكەن.