كىشىلەر: «قاتتىق كارىۋات ئۇستىخانغا پايدىلىق، كارىۋات قاتتىق بولسا، ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا بەدەن ئاغرىمايدۇ» دەپ قارايدۇ. بىراق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «كارىۋات زىيادە يۇمشاق بولسا، بەل ئومۇرتقىسىنىڭ نورمال فىزولوگىيەلىك ئېگىلىشچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بەل قىسمىدىكى مۇسكۇل بىلەن پەينىڭ يىغىلىشى، قىسىلىشى ۋە تارتىشىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. بىراق بەك قاتتىق كارىۋاتمۇ بەدەنگە بېسىم پەيدا قىلىپ، ئۇخلىغاندا ئۆرۈلۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، كارىۋات بەك قاتتىق بولۇپ كەتسە، ئومۇرتقا نورمال ئېگىلمەي، سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا بەل ئاغرىيىدۇ. بېلى پولتىيىپ چىقىش كېسىلى بارلار ھەم بېلى ئاغرىيدىغانلار، سۇنۇق ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغانلارغا قاتتىق كارىۋات ياقىدۇ. بىراق ساغلام كىشىلەر، بالىلار، بوۋاقلار بەك قاتتىق كارىۋاتتا ياتسا بولمايدۇ. كارىۋاتنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى كارىۋاتتا يېتىپ، ئىككى قولنى بەلنىڭ ئاستىغا قويۇش؛ ئەگەر قول چىڭ بېسىلسا ھەم قولنى ئىتتىك تارتىپ، چىقىرىۋالالمىسا، بۇ كارىۋاتنىڭ قاتتىقلىقىنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى بىلدۈرىدۇ.»