ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قۇرامىغا يەتكەن ھەر بىر ئەنگلىيەلىك كۈندە %50-%70 ۋاقتىنى ئولتۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزۈۋېتىدىكەن، بۇ ماشىنا ھەيدەش، خىزمەت قىلىش ياكى كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش، تېلېۋىزور كۆرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئەنگلىيەلىك فىزىكىلىق داۋالاش مۇتەخەسسىسى تام. ئالگېس بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئەگەر بىز ھەر ھەپتىدە بەش كۈن، ھەر كۈنى بىر نەچچە سائەت ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندا ئومۇرتقا، لىپەك، داس سۆڭىكى ئۇزاق ۋاقىت ئەگرى ھالەتتە تۇرغاچقا، بەدەن قېتىپ، مۇسكۇللار جىددىيلىشىپ، كۆيۈشۈپ ئاغرىيدۇ، ھەتتا بۇ ئەھۋال بەل ئومۇرتقا تاختىسى پولتىيىپ چىقىپ قېلىش قاتارلىق ئومۇرتقا مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئۇزاق ئولتۇرۇشنىڭ زىيىنى تاماكا چەككەندىنمۇ خەتەرلىك.
ئۇزاق ئولتۇرۇشنىڭ زىيىنى ئومۇرتقىلارنىڭ زەخمىلىنىشى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئۇنىڭ ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرى كۆپ جەھەتتىن بولىدۇ.
1. يۈرەك، قان – تومۇر كېسىلىنىڭ كۆپىيىشى: ئۇزاق ۋاقىت ھەرىكەت قىلماي ئولتۇرۇش قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىپ، يۈرەكنىڭ خىزمەت مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن يۈرەكنىڭ فۇنكسىيەسى ئاجىزلىشىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ تارىيىشى، قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشى، قان بېسىم، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق يۈرەك – قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. ھەزىم قىلىش ناچارلىشىپ، ئىشتەي تۇتۇلىدۇ: ئۇزاق ئولتۇرۇش ئاشقازان – ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاجىزلىتىپ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنى ئازايتىپ، ئىشتەينى تۇتۇپ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەزىم مەسىلىسى يەنە قەۋزىيەت، بوۋاسىر، بوغماق ئۈچەي راكى قاتارلىقلارنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
3. مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاستىلىتىپ، ئەستە تۇتۇشنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ: قان ئايلىنىشنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مېڭىنىڭ ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئازايتىپ، چوڭ مېڭىنى زەخمىلەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
4. مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرۇپ، زەئىپلەشتۈرۈۋېتىدۇ: چېنىقىش قان ۋە يەلنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مۇسكۇللارنى ئىللىتىپ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. ئۇزاق ئولتۇرىدىغانلاردا قان ۋە يەلنىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماي، مۇسكۇللاردا بوشاپ زەئىپلىشىش، قېتىپ قېلىش، سىرقىراپ ئاغرىش، يىگىلەش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.
5. ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ: ھەرىكەت قىلماي ئۇزاق ئولتۇرۇش ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى پەيدا قىلىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاسانلا تۈرلۈك كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ. ئۇزاق ئولتۇرغاندا زور مىقداردىكى نەملىك بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمىغا يىغىلىپ، كېچىسى ئوڭدىسىغا ياتقاندا يىغىلىپ قالغان نەملىك بەدەننىڭ يۇقىرى قىسمىغا ئۆرلەپ، يۇقىرى نەپەس يولىغا كەپلىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇخلاۋاتقاندا نەپەسنىڭ ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەلنى ئاسانلا قوزغاپ قويىدۇ.
6. ئەرلەرنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىنى ئالدىغا سۈرۈۋېتىدۇ: ھەرىكەت قىلماي ئۇزاق ئولتۇرىدىغان ئەرلەردە چېنىقىش پۇرسىتى كەمچىل بولغاچقا، ئاسانلا قورساق ئېسىلىش پەيدا بولىدۇ. قىسقىسى، ئورۇندۇقتا ئۇزاق ئولتۇرۇپ ئەقلىي ئەمگەك قىلىدىغان ئەرلەر باشقا ئەرلەرگە قارىغاندا كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە بالدۇر كىرىدۇ.
ئۇزاق ئولتۇرۇشنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى ھەر 30 مىنۇتتا بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش، ھېچبولمىغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ بىرەر ئىستاكان ئۇسسۇلۇق ئىچسىمۇ ھەرىكەت قىلغانغا باراۋەر بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/09/content_507737.htm