تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : سۈننەت توي (بالىلارھېكايىسى)


سۈننەت توي

(بالىلار ھېكايسى)

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى

 

مەن بۈگۈن ئاپام بىلەن سۈننەت تويغا باردىم. ئۇ مەندىن بىر ياش چوڭ ئەيساجاننىڭ سۈننەت تويى ئىدى. سۈننەت تويى بولسا نېمىدېگەن ياخشى. سۈننەت تويى بولغان بالىنى ھەممىلا ئادەم ئەركىلىتىپ، ئەتىۋارلايدىكەن، بەكمۇ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىدىكەن. سۈننەت تويى بولغان بالىغا ئۇرۇق – تۇغقانلىرى كۆپ پۇل بېرىدىكەن. ئىشقىلىپ خۇشاللىق كۆپكەن. مېنىڭ قاچان سۈننەت تويۇم بولار – ھە؟ ئەيساجاننىڭ سۈننەت تويىدىن كېيىن كەچكىچە سۈننەت توينى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. شۇڭا، نېمە دېسەم ماقۇل دەيدىغان مومامغا ئەركىلىدىم:

— موما، سۈننەت تويۇمنى قىلىپ بېرىڭلارچۇ، مەن بەك ئالدىراپ كېتىۋاتىمەن.

— قوزام، ئالدىرىما، بىزمۇ سېنىڭ سۈننەت تويۇڭنى چوڭ قىلىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمىز، قىشلىق تەتىلدە سېنى ياتقۇزۇۋالساقلا تويۇڭنى ئوبدان قىلىپ بېرىمىز، ساڭا ئاتاپ قويغان خېلى كۆپ پۇلۇم بار. ئاتا – ئاناڭنىڭ ئاغزىغىمۇ قاراپ ئولتۇرمايمىز.

مومام ئاپام بىلەن دادامغا قارىغاندا بەك مەرد ئىدى، ماڭا دائىم پۇل بېرىپ تۇراتتى. مەن مومامنىڭ ياتقۇزۇۋالساق، دېگەن گېپىدىن سەل قورقۇپ قالدىم. ئەيساجاننىڭ دېيىشىچە...

مەن مومامدىن سورىدىم:

— موما، راست مېنىڭ قۇشقىچىمنى كېسىۋېتەمدۇ؟

مومام مېنى باغرىغا بېسىپ سۆيۈپ قويدى.

— ياق، قوزام، قۇشقىچىڭغا نومۇر قويۇپ قويىدۇ، سەن باتۇر قەھرىمان بولىسەن.

قىشلىق تەتىلدە «قۇشقىچىمغا نومۇر قويۇپ قويدى»، مەنمۇ ئىككى ھەپتىدەك ياتقاندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم، ماڭا قانداق نومۇر قويغانلىقىنى بىلەلمىدىم.

سۈننەت تويۇم بولىدىغانغا ئاز قالغاندا مەن بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرىدىغان ساۋاقدىشىم تۇرغۇنجان مەكتەپكە كەلمىدى. بالىلاردىن ئاڭلىسام تۇرغۇنجان ئېغىر كېسەل بولۇپ قاپتۇ. ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن خېلى كۆپ پۇل كېتىدىكەن. ساۋاقداشلار بىر كوي، ئىككى كويدىن بولسىمۇ تۇرغۇنجانغا پۇل ئىئانە قىلدۇق. تۇرغۇنجاننى دوختۇرخانىغا يوقلاپ بېرىپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالدى. باشقىلارنىڭ گېپىگە قارىغاندا، تۇرغۇنجاننى داۋالىتىش ئۈچۈن خېلى كۆپ پۇل بولمىسا بولمايدىكەن.

سۈننەت تويۇم بولىدىغانغا بىر كۈن قالغاندا مېنىڭ خۇشال بولماي غەمكىن ئولتۇرغانلىقىمنى كۆرگەن مومام مەندىن سورىدى:

— قوزام، تويۇڭ بولىدىغان ئادەم خۇشال يۈرمەي، نېمانداق مۇڭلىنىپ قالدىڭ؟

مەن مومامغا: «موما، ئەتىكى سۈننەت تويۇمنى قىلماي، ئاشۇ تويغا كېتىدىغان پۇلنى تۇرغۇنجاننىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن بېرەيلىچۇ» دېمەكچى بولدۇميۇ، دېيەلمىدىم. موماممۇ باشقا گەپ قىلماي ئۆزىنىڭ ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى.

سۈننەت تويۇم قىزىپ كەتتى. مەن خېلى ئۇزۇندىن بېرى يادلاۋاتقان «سۈننەت توي قوشىقى»نى ھاياجان بىلەن دېكلاماتسىيە قىلدىم. ئاپام بىلەن داداممۇ خۇددى باشقىدىن تويى بولغاندەك تانسىغا چۈشۈپ كەتتى. مېنىڭ يانچۇقۇم ۋە قويۇنلىرىمدا يۈز يۈەنلىك، ئەللىك يۈەنلىك پۇللار خېلى كۆپ ئىدى. توي تۈگىمەي تۇرۇپ مەن يانچۇق، قويۇنلىرىمدىكى پۇللارنى يىغىشتۇرۇپ، تۇرغۇنجانغا بېرىش ئۈچۈن دختۇرخانىغا يۈگۈردۈم...

 



ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز