ئامېرىكىدىكى ھەرىكەت ۋە ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا مۇنداق دېيىشتى:«بەك سەمرىپ كەتكەنلەر ئورۇقلاش ئارقىلىق بوغۇم ئاغرىقىنى يوقىتالايدىغانلىقىنى بايقىدۇق، چۈنكى ئۇلار ئورۇقلىسا تىز بوغۇمىدىكى كۆمۈرچەكتە مەۋجۇت غەلىتە ئايلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«ئادەم چېنىقىش داۋامىدا بەدەننى كىرىشتۈرۈش مەشىقى قىلسا، ئۇنداقتا دۈمبە ۋە بوغۇم ئاغرىقىنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلالايدۇ، چۈنكى بۇ ھەرىكەت مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوغۇملارنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ. شۇڭا ئادەم پەي سوزۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەپ بەرسە، ھەر 30 سېكۇنتتا بىر قېتىم دەم ئېلىپ داۋاملاشتۇرسا، بۇ مەقسەتكە يەتمىكى تەسكە توختىمايدۇ».
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى