نۇرغۇن ئادەملەر بالىسى تۆت–بەش ئايلىق بولغاندىلا تاماق بېرىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، بالىنىڭ تاماقنى ئىشتىھالىق يېيىشى ئۈچۈن تاماققا تۇز سالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ تۇزنى بەك بالدۇر ئىستېمال قىلىشى مۇۋاپىق ئەمەس، ئەڭ ياخشىسى بالا بىر ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، تامىقىغا تۇز سېلىپ بەرسە بولىدۇ.
چوڭلار ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بالىلارنىڭ تامىقىنىڭ تۇز تەمىنى تېتىسا بولمايدۇ، چۈنكى بالىلارنىڭ تەم سەزگۈسىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولىدۇ، تۇز كۆپ بولۇپ كەتسە، ناترىينىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىپ، قان بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.