تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
گېن سىزنىڭ ئۇخلاش ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

گېن سىزنىڭ ئۇخلاش ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر قوپۇش سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىلىق


[يەرشارى تورى ئۇنىۋېرىسال خەۋىرى]

سىز سەھەردە ئورنىڭىزدىن تۇرۇشنى ياخشى كۆرەمسىز؟ ياكى يېرىم كېچىگىچە روھىڭىزنىڭ كۆتۈرەڭگە ھالەتتە تۇرۇشنىمۇ؟ سىزنىڭ جاۋابىڭىز بەلكىم سىزنىڭ يېشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بىراق تەتقىقاتلاردىن ئىپادىلىنىشىچە بۇ سىزنىڭ گېنىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى خەۋىرى»نىڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەڭ يېڭى تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىنسانلارنىڭ ئۇخلاش ئادىتى ئۆزلىرىنىڭ گېنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەتىگەن تۇرغانلا ساغلام ھەم زىلۋا بولىدىكەن.

90مىڭ ئەتىگەن ۋە كەچ ئۇخلايدىغانلارغا قارىتا DNAتەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىلغان ئانالىز تۈرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىنسانلارنىڭ 15خىل گېنى ئۇخلاش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بالدۇر ئۇخلاپ ئەتىگەن تۇرىدىغان كىشلەر كەچ ئۇخلايدىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ زىلۋا، كېلىشكەن بولىدىكەن، بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر ئورنىدىن تۇرغاندا ئاسانلىقچە ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئەنسىزلىككە گىرىپتار بولمايدىكەن. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كىشلەر ئەتىگەن تۇرۇشقا بەكرەك مايىل بولىدىكەن. تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 60ياشتىن يۇقىرى ئەتىگەن تۇرىدىغانلارنىڭ سانى 30ياشتىن تۆۋەندىكىلەرنىڭ 2 ھەسسىسى ئىكەن.

2015-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە، گەرچە ئۇخلاش ۋاقتى ئوخشاش بولسىمۇ، كېيىن ئۇخلىغانلار بالدۇر ئۇخلىغانلارغا قارىغاندا شېكەر سىيىش كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن. بۇ بەلكىم ئۇزۇن مۇددەت كەچ ئۇخلاش ئادەمنىڭ يىمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ئادىتىگە تەسىر قىلىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بەدەن سالامەتلىكىگىمۇ تەسىر قىلغانلىقتىن بولسا كېرەك. كېيىن ئۇخلىغانلارنىڭ شېكەر سىيىش كېسىلىگە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بالدۇر ئۇخلىغانلاردىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

يەنە بىر قىسىم ئالىملار، ئەتىگەن تۇرۇپ بالدۇر ئۇخلاش ئىنسانىيەتنىڭ تەدىرجىي تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىغان. بۈگۈنكى قەدەر 6000يىل بولغان تاش قورال دەۋرىدە، يىمەكلىك ئىزدەشكە مەسئۇل بولىدىغان ئىپتىدائىي ئادەم تەبىئىي ھالدا ئەتىگەن تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن، قەبىلىنى قوغداشقا مەسئۇل بولغانلار بولسا كېچىچە تۈنەشكە توغرا كېلەتتىكەن. ئىنسانىيەت تەرەققىي قىلىپ، قوتاندا ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىش ۋە زىرائەتلەرنى تېرىيدىغان دەۋرگە كەلگەندە بولسا، ئەتىگەن تۇرىدىغانلار ئاساسلىق ئەمگەك كۈچىگە ئايلىنىپ، كىشلەرنىڭ نەزىرىدە كېيىن ئۇخلايدىغانلار ئۇنچە ئىشچان ئەمەس دىگەندەك كۆز قاراشلار پەيدا بولغان.

تەرجىمىدە: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى تەشۋىقات بۆلۈمى

 



تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز