تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
زۇكامدىن ساقلىنىشنىڭ 7 خىل ئۇسۇلى

يېقىندا ئامېرىكا «بۈگۈنكى ساغلاملىق» تورى ماقالە ئېلان قىلىپ، سىزنى زۇكامدىن ساقلاپ قالىدىغان يەتتە خىل ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويدى.قېتىقنى كۆپ ئىچىڭ. ئۈچەي ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ياخشى ھەزىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش ئەزاسى. يۇقۇملۇق زۇكام يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان مەزگىلدە پايدىلىق باكتېرىيەلەرنى تولۇقلاپ، قېتىق، پىشلاق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا، ئۈچەيدىكى باكتېرىيەلەرنى تەڭشەپ، ياللۇغنى ئازايتىپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

بۇرۇننى پاكىز يۇيۇش. بۇرۇن ئادەم بەدىنىدىكى نەپەس سىستېمىسىنىڭ بىرىنچى ‹‹سۈزگۈچى›› بولۇپ، ھەر كۈنى سۇس تۇز سۈيى بىلەن بۇرۇننى يۇيۇپ (چايقاپ) تۇرۇش لازىم.

تىرناقنى ئۆستۈرۈۋەتمەسلىك. ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىندىكى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر تىرناق ئۈچ مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتسە، تىرناق ئارىسىدىكى مىكروب تىرنىقىنى ئېلىپ تۇرغانلارنىڭكىدىن بەش ھەسسە كۆپ بولىدىكەن. بۇلار يەنە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ مەنبەسى بولىدىكەن، مەسىلەن: تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى قاتارلىقلار، شۇڭا چوقۇم تىرناقنى ئېلىپ تۇرۇش لازىمكەن

يېمەكلىك ئارقىلىق سىنىك تولۇقلاش. سىنىك تولۇقلىغاندا، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كېسەللىك ئالامىتىنى يەڭگىللىتىدىكەن، تەركىبىدە سىنىك مول يېمەكلىكلەردىن قاپلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، راك، قىزىل گۆش تۈرى، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى ۋە قاتتىق پوست (شۆپۈك) لىق يېمەكلىكلەر. بۇلار ئىچىدە ئويستېر قۇلۇلىسى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان سىنىك تولۇقلاش ماھىرى ئىكەن.تېز مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇش.ئامېرىكىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ھەر ھەپتىدە بەش قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن پىيادە تېز مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسا، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى زور بولىدىكەن.

ياخشى ئۇخلاش. ھەر ئاخشىمى يەتتە سائەتتىن كام ئۇخلىغانلارنىڭ زۇكام بولۇش نىسبىتى ئۈچ ھەسسە ئۆرلەيدىكەن.ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى قەتئىي يېمەسلىك. يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەر بەدەننىڭ ئىممونىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن، شۇڭا يېمەكلىك تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان چوڭ ئاپېلسىن، ئاپېلسىن، چىلان قاتارلىقلارنى تولۇقلاش؛ ھەركۈنى ئالتە سەردىن بىر جىڭغىچە كۆكتات ئىستېمال قىلىش، بۇلار ئىچىدە رەڭلىك كۆكتات يېرىمدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىش، مەسىلەن، پالەك، ئەركەك ئەمەن قاتارلىقلار.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز