كۆپلىگەن ئاتا-ئانا بالىلار بىلەن ئەتىگەن-ئاخشىمى ئۇچرىشىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى دېگەندەك چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. ئەھۋالىنى چۈشەنمىسە بالىلارنىڭ «گەپ ئاڭلىماسلىق» خاھىشىنى تۈزىتىش قىيىن، بۇنىڭدىكى ئۈنۈملۈك ئۈسۇل ئالدى بىلەن بالىلارغا يېقىنلىشىش، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ كۆڭلىنى ئۇتۇشتۇر. ئامېرىكىلىق مەشھۇر رىياسەتچى رېمىڭتون ئەپەندى ھەر كۈنى بىردىن كىچىك دوستنى زىيارەت قىلىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ بىر كىچىك دوستتىن مۇنداق سوراپتۇ: «سەن چوڭ بولساڭ نېمە ئىش قىلماقچى ؟»، «مەن چوڭ بولسام ئايروپىلان ھەيدەيمەن !» دەپتۇ، ساددىلىق بىلەن.
__ ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئايروپىلانىڭ تىنچ ئوكيان ئاسمىنىدا ئۇچۇۋاتقاندا توساتتىن موتۇرنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قالسا قانداق قىلىسەن؟ __ كىچىك دوست بىر پەس ئويلىنىۋېلىپ ئاخىرى: «مەن ئايروپىلاندىكى بارلىق خادىملارغا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىۋېلىشنى تەلەپ قىلىمەن، ئاندىن پاراشوتنى ئېلىپ يەرگە سەكرەيمەن.» بۇنى ئاڭلىغان نەق مەيداندىكى كىشىلەر كۈلۈپ تىلىقىپ كېتىشىدۇ. رېمېڭتون بالىنى داۋاملىق كۆزىتىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن بالىنىڭ كۆز چانىقى ياش بىلەن تولىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇ بالىنىڭ ئايروپىلان خادىملىرىنى تاشلاپ يالغۇز قېچىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بالىدىن ئىنچىكىلەپ سورايدۇ: «نېمە ئۈچۈن مۇنداق قىلىسەن؟» بالا ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىغا ئاساسەن مۇنداق دەيدۇ: «مەن سەكرەپ ئايروپىلان موتۇرىغا يېقىلغۇ ئېلىپ كەلمەكچى، يېقىلغۇ ئېلىپ كېلىپ، ئايروپىلاندىكى كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرماقچى !»
پۈتۈن مەيداننى بىر پەس جىمجىتلىق ئالغاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرايدۇ. رىياسەتچى رېمىڭتون ئەپەندىنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، بىرىنچىدىن بالىنىڭ سۆزىنى تۈگىگىچە كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش؛ ئىككىنچىدىن، باشقىلار چاۋاك چېلىپ ۋارقىراپ-چاقىرغاندىمۇ، يەنىلا سەۋرچانلىق، مۇلايىملىق بىلەن بالىنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ئىپادىلىشىگە ئىلھاملاندۇرۇش، ھەرگىزمۇ بالىنىڭ سۆزلىرىنى چالا - پۇچۇق ئاڭلاپلا، ئالدىراپ يەكۈن چىقارماسلىقتا كۆرۈلىدۇ.
بىر بالا بىر دۇنيا. ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى، دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسىنى، كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇسىنى بىلگەندىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ:
1. بالىغا سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش. ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئۆز ئوي - پىكىرىلىرىنى ئىپادىلەشكە قىزىقتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا بالىسىنىڭ سۆزلىرىدىن ئالدىراپ يەكۇن چىقارماسلىق، سەۋرچانلىق بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش لازىم.
2. ئاڭلىغاننى ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى بالىلارغا ئېيتىش. بالىلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ قالماستىن، يەنە ئۇنىڭدىن خۇلاسە چىقىرىپ ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى سۆزلەپ، ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇش لازىم.