ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، پالەك قاتارلىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار ياشانغانلار مېڭىسىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى ساقلاپ تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. پەقەت ھەر كۈنى 2 خىل يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات يەپ بەرگەندە، چوڭ مېڭە يېشىنى 11 ياش ياشارتقىلى، بۇ ئارقىلىق ئەلزىمىر كېسىلى (阿尔茨海默病) نىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
چىكاگو راش ئۇنىۋېرسىتېتى (Rush University) تەتقىقاتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، پەقەت يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەندە ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك كېچىكتۈرگىلى بولىدىكەن.
تەتقىقاتچى خادىملار ئوتتۇرىچە يېشى 81 بولغان ئەر ئايال پىدائىيلاردىن 950 نى تەكلىپ قىلىپ، ھەر يىلى ئۇلارغا روھى جەھەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا 10 يىلغىچە ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك تىزىملىكىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، پالەك ۋە ياۋا كاپۇستا قاتارلىق يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەنلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ قېرىلىشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىغان، چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ ئوتتۇرىچە چېكىنىش سۈرئىتى باشقا كىشىلەرنىڭكىدىن نەق 11 يىل ئاستا بولغان.