ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
تۇز سېلىنغان ئىسسىق سۇ بىلەن ئۈششۈپ قالغان جاينى يۇيسا، قىچىشىش پەسىيىدۇ.
جۇڭگو تېبابەتچىلىكىدە تۇزنىڭ يەنە تال بىلەن ئاشقازاننى ئاسراش، كەچلىك تاماقنى سىڭدۈرۈش، يۈرەككە ياردەم بېرىش، كۆزنى روشەن قىلىش، تاماقتىكى زەھەرلەرنى قايتۇرۇش رولى بارلىقى خاتىرىلەنگەن.
ئاچچىقسۇ ئۇزۇق ساقلانسا بۇزۇلىدۇ، قورۇلغان تۇزنى ئازراق ئارىلاشتۇرسا، ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
چاي قاچىلىرى ئۇزاق ئىشلىتىلسە، چاينىڭ بېغىر رەڭلىك دېتى ئورناپ قالىدۇ، تۇزغا چىلانغان لاتا بىلەن سۈرتسە چىقىپ كېتىدۇ.
تەر داغلىرى يۇقۇپ قالغان كىيىملەرنى بەش پىرسەنت تۇز سۈيى بىلەن ئۇۋۇلاپ يۇيۇپ بولۇپ، ئاندىن كېيىن سوپۇن بىلەن يۇيسا، سارغىيىپ كەتكەن تەر داغلىرى چىقىپ كېتىدۇ.
گۈللۈك كىيىملەرنى ئاز مىقداردىكى تۇز ئارىلاشتۇرۇلغان سۇغا ئون مىنۇت چىلاپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن يۇيسا، رەڭگى ئاسان ئۆڭمەيدۇ، پىچاقنى تۇز سۈيىگە يىرىم سائەت چىلاپ قويۇپ ئاندىن بىلىسە ھەم كۆپ كۈچ كەتمەيدۇ، ھەم ئۆتكۈرلىشىدۇ.