ياسىن مەتنىياز
ئىككىمىزگە شۇنچە تونۇش كۈز پەسلى
كەلمەكتىدۇر شاماللارغا ئەگىشىپ.
يېنىككىنە تەۋرىنىدۇ يار ۋەسلى،
نازلىق چېچى بارمىقىغا يۆگىشىپ.
شىلدىرلىغان غازاڭلارنىڭ سۆزىنى
يولدىن تېرىپ يار ئالدىغا بارىمەن.
ئۇنى سۆيسەم، يوشۇرمىسا ئۆزىنى
تولۇن ئاينىڭ يۈرىكىنى يارىمەن.
بېكەتلەردە دەۋرەۋاتقان ئادەملەر،
سوقۇلماقتا قولۇمدىكى ئارزۇغا.
جۇل – جۇل بولۇپ كېتەر بەلكى قەدەملەر،
ۋىسال تېغى يەتكۈزگىچە ئاھۇغا.