پاسسىپلىقنى تاشلاڭ
پاسسىپ كەيپىياتقا بېرىلىپ قالسىڭىز، ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلەر قولدىن كېتىپ قالىدۇ، شۇنداقلا تۇرمۇشتىن خۇشاللىق تاپالمايسىز، ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى ھەرگىز جارى قىلدۇرالمايسىز.
رېئال تۇرمۇشتا، سىزنىڭ نۇرغۇن كەمچىلىكلىرىڭىز بولۇش بىلەن بىللە، يەنە سىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزمۇ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك گەۋدىلەندۈرۈش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىمىز چوڭىيىدۇ، شۇنداقلا خۇشاللىقىمۇ ئېرىشەلەيسىز. كەيپىياتىڭىز ھەركۈنى يېڭلىنىپ، روھىڭىز جۇش ئۇرۇپ تۇرسىلا،سىزدە پاسسىپلىق ئېلېمېنتلىرى بارغانسېرى ئازىيىپ بارىدۇ، شۇنداقلا ئالىيجاناب، تۇرمۇشتىن خۇشاللىق تېپىشقا ماھىر ئادەمگە ئايلىنىسىز.
ھەركۈنى سەھەر تۇرغاندا، بۈگۈن ھەقىقەتەن ياخشى كۈن بوپتۇ، دېگەن ئويدا بولسىڭىز؛چىش چوتكىلاۋاتقاندىمۇ، چىشىڭىزنىڭ ئاقارغانلىقىدىن خۇشاللىققا چۆمسىڭىز؛ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ خۇشال كەيپىياتتا قىلسىڭىز، سىزنىڭ شۇ بىر كۈنىڭىز ھەقىقەتەن خۇشال ئۆتىدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.
ھاياتلىق بىزگە بىر قېتىملا نىسىپ بولىدۇ، بەزىدە تۇيمايلا ئۆزىمىزنىڭ خېلى بىر ياشقا بېرىپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز، بەزىدە ھەش-پەش دېگۈچىلا نۇرغۇن يىللارنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزۈۋېتىمىز ئاخىرىدا پۇشايمان قىلىمىز، ئەمما بۇنداق چاغدا پۇشايمان قىلغاننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. شۇڭا ئۈمىدۋار بولۇش، پاسسىپلىقنى تاشلاش، ھەرقانداق كىچىك ئىشتىنمۇ خۇشاللىق تېپىشقا ئىنتىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
بۈگۈننى خۇشال ئۆتكۈزۈڭ، ئەتىگە ئۈمىدۋار بولۇڭ، شۇندىلا مۇۋەپپەقىيەت دەرۋازىسىنى چىكىشكە ئىمكان تاپالايسىز.
ھېكىمەت ئۈنچىسى:
جۇشقۇنلۇق ئادەمنى ياشنىتىدۇ، سۆرەلمىلىك روھنىمۇ،بەدەننىمۇ قۇرۇتۇۋېتىدۇ.