تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مەزى بېزى كىچىك بولسا كېسەللىك يوق دەپ قاراش

مەزى بېزى كىچىك بولسا كېسەللىك يوق دەپ قاراش

  نورمال مەزى بېزى كاشتان چوڭلۇقتا بولىدۇ. مېدىتسىنادا مەزى بېزىنىڭ ئۆسۈپ قېلىشىنى مۇنداق ئۈچ دەرىجىگە ئايرىيدۇ. بىرىنچى دەرىجە كەپتەرنىڭ تۇخۇمى چوڭلۇقىدا، ئىككىنچى دەرىجە توخۇ تۇخۇمى چوڭلۇقىدا، ئۈچىنچى دەرىجە ئۆردەك تۇخۇمى چوڭلۇقىدا بولىدۇ. بىرقىسىم بىمارلارنىڭ مەزى بېزى ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە ئۆسۈپ قالسىمۇ، سىيگەندە، بەك قىيلىنىپ كەتمەيدۇ، ھالبۇكى يەنە بىرقىسىم بىمارلارنىڭ كىچىكرەك ئۆسۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئورنى دەل مەزى بېزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بولغاچقا، ئېغىر دەرىجىدىكى سۈيدۈك توسۇلۇپ قېلىشنى پەيدا قىلىدۇ. مەزى بېزىنىڭ ئۆسۈش دەرىجىسى پەقەت مەزى بېزى تەنچىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىلا چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ، كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى كۆرسەتمەيدۇ.

  مەزى بېزىنىڭ ئاناتومىيىلىك ئورنى بويىچە ئايرىغاندا، ئۇ ئالدى، ئارقا، ئوڭ، سول، ئوتتۇرا قانات دەپ ئاتىلىدۇ. يېقىن ئۇچى سۈيدۈك يولىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىكى بەز تەنچىسىنى ئوراپ تۇرىدۇ. نورمال مەزى بېزى ئىچىدە، سىرتقى بەز مەزى بېزىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن بولىدۇ، ئىچكى بەز مەركىزىنىڭ ئىنتايىن ئاز قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئەگەر ئۆسۈكچى مەزى بېزىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىكى بەز تەنچىسىدە كۆرۈلسە، مەقەت ئىچىگە قول سېلىپ تەكشۈرگەن تەقدىردىمۇ مەزى بېزىنىڭ ئۆسۈپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئىچكى بەز سۈيدۈك قاتلىمىسىنى چىڭ ئوراپ تۇرغاچقا، ئازراقلا ئۆسۈپ قالغان تەقدىردىمۇ سۈيدۈك يولىنى ناھايىتى ئاسان توسۇۋالىدۇ-دە، سۈيدۈك تەستە كېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. سىرىتقى بەز ئاساسەن سىرىتقا قاراپ ئۆسكەچكە، بەزى ھاللاردا بەك كۆپ ئۆسۈپ ئۈچىنچى دەرىجىگە بېرىپ قالسىمۇ، سۈيدۈك يولىنى بېسىۋالمايدۇ. شۇڭا، سۈيدۈك توسۇلۇش ئالامىتى، ياكى كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بولىدۇ.

 كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى شەرھلەش ئۈچۈن، مەزى بېزىنىڭ ئۆسۈپ قېلىشى مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا ئايرىلىدۇ.

بىرىنچى باسقۇچتا: سىيگەندە قىينىلىش، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ بولۇش، كېچىسى سۈيدۈك كۆپىيىش، سۈيدۈك كۈچسىز كېلىش، سىيىش قىيىنغا توختاش سەۋەبىدىن سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىش، لېكىن دوۋساقتا سۈيدۈك قالدۇقى قالماسلىق ئالامىتى بولىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچتا: كېسەللىك ئالامىتى دوۋساق ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى بىلەن باشلىنىپ، سۈيدۈكنى پۈتۈنلەي سىرىتقا ھەيدىيەلمەسلىك سەۋەبىدىن دوۋساققا قالدۇق سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىپ، دائىم ئاستا خاراكتېرلىك باكتېرىيە تىپىدىكى دوۋساق ياللۇغى پەيدا بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ.

ئۈچىنچى باسقۇچتا: كېسەللىك ئالامىتى ئۇزۇن مۇددەت سىيگەندە قىيلىنىش سەۋەبىدىن دوۋساقنىڭ سىرىتقا چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى بىلەن سۈيدۈك تۇتۇلۇپ قېلىش، بۆرەك ئىقتىدارى مۇكەممەل بولماسلىقتا ئىپادىلىنىدۇ.


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز