ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
پۇرچاق سۈتى-چىلانمغان سېرىق پۇرچاقنى بىۋاسىتە پۇرچاق شىرنىسى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ «ئۈچ يۇقىرى» (قاندىكى شېكەر ماددىسى يۇقىرى، يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ياغ ماددىسى يۇقىرى) ئادەملەرنىڭ ئىچىشىگە پايدىلىق، بىراق كالتسىي تولۇقلايدىغان ئادەملەرگە ماس كەلمەيدۇ.
سېرىق پۇرچاق پوستىنىڭ تەركىبىدە فىتىك كىسلاتا، تاننىن، ئوكسالىد كىسلاتا، سىئانىدىن، فىلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار بار، بۇ تەركىپلەر سۇدا ئاسان ئېرىيدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە فىتىك كىسلاتا، تاننىن، ئوكسالىد كىسلاتا قاتارلىقلار ئوزۇقلۇققا قارشى تۇرىدىغان ماددىغا تەۋە بولۇپ، كالتسىي، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىق مىكرو مىقداردىكى ئېلېمېنتلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
بۇ ئوزۇقلۇققا قارشى تۇرىدىغان ماددا سۇدا ئاسان ئېرىيدىغان بولغاچقا، ئۇماچ قىلىپ ئىچكەندىن كېيىن كالتسىي تۆمۈر، سىنك تولۇقلايدىغان ئادەملەر توپىغا ماس كېلىدۇ. بىراق «ئۈچ يۇقىرى» ئادەملەرنىڭ ئىچىشىگە قۇرۇق پۇرچاق سۈتى مۇۋاپىق. چۈنكى، فىتىك كىسلاتا، تاننىن، قاندىكى شېكەر ماددىسى ۋە قاندىكى ياغ ماددىسىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ. بۇلار يەنە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان ماددا بولۇپ، راك ۋە يۈرەك كېسىلى بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ.