تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بۇ 10 تۈرلۈك ئىشتىن كېيىن چوقۇم قول يۇيۇش كېرەك

 ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتى، بولۇپمۇ قول يۇيۇش ئادىتى نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالدىغان بىخەتەرلىك تېمى بولۇشى مۇمكىن. بىز كىچىكىمىزدىن بىلىدىغان تاماقتىن بۇرۇن قول يۇيۇشتىن باشقا، يەنە قايسى ۋاقىتلاردا قولىمىزنى يۇيۇشىمىز كېرەك؟ بۇنداق چاغلاردا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قولىنى يۇيۇشقا سەل قارايدۇ ياكى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا مۇئاۋىن مۇدىرى لىيۇ جىيەنشىياڭ تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى بەرگەن. 



1. گېزىت كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن قول يۇيۇش كېرەك.

باسما مېيىنىڭ تەركىبىدە دائىم ئېتىل ئالكوھول، ئىزوپروپىل ئالكوگول، مېتىل بېنزول قاتارلىق ئورگانىك ئېرىتكۈچىلەر بار بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ قالدۇقلىرىمۇ كىشىلەرگە زىيانلىق ئىكەن. 



2. ئەتتىگەندە سۈت ياكى گېزىتنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قولىنى يۇيۇش كېرەك. 

چۈنكى سۈت يەشىكى، گېزىتى ساندۇقى قاتارلىقلاردا ناھايىتى ئاسانلا باكتېرىيە ئۆسۈپ قالىدىكەن. 



3. سىرتقا چىقىپ قايتىپ كىرگەندىن كېيىن قولىنى يۇيۇش كېرەك.

سىرتقا چىققاندا، ئىككى قول بىر قسىم ئاممىۋى سورۇنلاردىكى نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن مۇستەسنا ئەمەس. مەسىلەن: ئىشىك تۇتقۇچى، لېفىت تۇتقۇچى، لېفىت كونۇپكىسى قاتارلىقلار. بۇ يەرلەردە باكتېرىيە، ۋىرۇس بار بولۇپ، ناھايىتى مەينەت جايلاردۇر. شۇڭا، سىرتقا چىقىپ قايتىپ كىرگەندە چوقۇم قولىنى يۇيۇش كېرەك. 



4. پۇلنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قولنى يۇيۇش كېرەك. 

ئادەتتە پورتمال، پۇل، ئاپتوماتىك پۇل چىقىرىش ماشىنىسى قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقان قولنى چوقۇم يۇيۇش كېرەك. 



5. سىرتتا تاماق يېگەندە، تاماق تىزىملىكىنى كۆرۈپ تاماق بۇيرىتىپ بولغاندىن كېيىن قول يۇيۇش كېرەك. 

چۈنكى تاماق تىزىملىكى ھەقىقەتەن بەك مەينەت، ناھايىتى ئاز بولغان ئاشخانىلار تاماق تىزىملىكىنى قەرەللىك دېزىنفىكسىيە قىلدۇرۇپ تۇرىدىكەن. 


 

6. كىيىملەرنى يېيىپ بولغاندىن كېيىن قول يۇيۇش كېرەك.

كىر كىيىم ۋە كىرالغۇدىكى باكتېرىيەلەر يۇيۇلۇش جەريانىدا كىيىملەرگە چاپلىشىۋالىدىكەن. كىيىملەرنى ئاپتاپقا سالغاندا ئىككى قولىڭىز بەلكىم باكتېرىيەلەر بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. كىيىملەر ئاپتاپقا قاقلىنىش ئارقىلىق پاكىزلىنىدۇ، لېكىن قولىمىزنى دائىم ئۇنتۇپ قالىمىز. 

7. كومپىيۇتېر، مائۇس، تېلفون ئىشلەتكەندىن كېيىن قول يۇيۇش كېرەك. 

بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئاسانلا نەزەردىن ساقىت قىلىنىدىغان، لېكىن ناھايىتى مەينەت بولغان بىر نەچچە دائىم ئىشلىتىدىغان بويۇملاردۇر. 


8. قولىمىز تېنىمىز ئاجرىتىپ چىقارغان ئاجرالمىلارغا ئۇچرىغاندىن كېيىن قول يۇيۇش كېرەك. 

مەسىلەن: چۈشكۈرگەندە ئاغزىڭىزنى قولىڭىز بىلەن ئەتكەن بولسىڭىز، يۆتەلگەن بولسىڭىز ياكى بۇرنىڭىزنى تازىلىغان بولسىڭىز قول يۇيۇشىڭىز كېرەك. 




9. ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن ئۇچراشقان ياكى ئائىلە ھايۋانلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن قول يۇيۇش كېرەك.

ھايۋانلاردىن يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالمىسا بولمايدۇ. 


10.بالىڭىزنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن قول يۇيۇشىڭىز كېرەك. 

ھەر قانداق بۇلغانغان ماددا بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن چوقۇم قول يۇيۇش كېرەك. 



ئادەتتە كىشىلەرنىڭ قول يۇيۇشى ئاددىي بولغان قول يۇيۇش، بۇ چاغدا ھامان بارماقلارنىڭ ئارىلىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا پەقەت باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى %18 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۆلچەملىك بولغان قول يۇيۇش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلغان بولۇپ، ئالتە باسقۇچلۇق ئۇۋۇلاپ يۇيۇش باسقۇچىنى كۆرسەتكەن، قول يۇيۇشقا 40 سىكۇنت ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىش كېرەككەن. مۇشۇنداق قىلغاندىلا قولنىڭ تازىلىق ئۆلچەملىك نىسبىتىنى %30~%40 كە يەتكۈزگىلى بولىدىكەن. 


1. قول ئالقىنىنى بىر-بىرىگە ئۇدۇل كەلتۈرۈش، بارماقلارنى جۈپلەش. 2. قول ئالقىنىنى قول دۈمبىسىگە ئۇدۇللاش، بارماق يوچۇقلىرىنى بويلاپ ئۇۋۇلاپ يۇيۇش. 3. ئالقانلارنى بىر-بىرىگە ئۇدۇل كەلتۈرۈش، ئىككى قولنى قايچىلاشتۇرۇپ، بارماق يوچۇقلىرىنى بويلاپ بىر-بىرىگە سۈركەپ يۇيۇش. 4. ئىككى قولنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇش،ئۆز-ئارا سۈركەپ يۇيۇش. 5. بىر قول يەنە بىر قولنىڭ باش بارمىقىنى تۇتۇش، قول ئالقىنىدا ئايلاندۇرۇپ سۈركەش. 6. بارماق ئۇچىنى قول ئالقىنىغا سۈركەش.  



ئەسلى مەنبەسى: m2.people.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز