تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
›ئاپتۇبۇستىكى قىزىقارلىق پاراڭلار

 


كۈندىكى ئاپتۇبۇس قىستاڭچىلىقىدىن خويمۇ بىزار بولدۇم، سىلەرمۇ شۇنداق ئويلامسىلەر؟ بەزىدە ئاپتۇبوستىكى كىشىلەرنىڭ چىرايىغا قاراپ بەزىدە شۇنداق ئىشلارنى ئويلاپ قالىمەن، بەلكىم ئۇلارمۇ ئويلايدىغاندۇ، قېنى سىلەرمۇ ئويلىغىنىڭلارنى دەپ بېقىڭلار. 
بالىلارنىڭ ئويلىغانلىرى:  

ۋاي ۋۇي، ما چوڭلار نىمىدىگەن ئەدەبسىز، بىزنى دەسسەپلا ماڭىدىكەن، سومكىلىرىمىز قىسىلىپ قالسا تېخى بىزنى تىللايدىكەن، شۇملار دەپ، بىزدە نىمە ئامال "تاغدەك سومكىنى كۆتۈرۈپ، شۇ تاغلارنى كۇكۇم تالقان قىلغىلى ماڭدۇققۇ!"

تېخى بىز قاراپ تۇرساق ئا بۇرتلۇق ئادەم ئا چىرايلىق ھەدەمگە سوزۇلۇپ قاراۋاتىدۇ(ياق، ماراۋاتىدۇ) نىمىدىگەن، ھەي.ھەي...

مانا، ئا ئاكاش ئاۋۇ ھەدەشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن بولۇپ، بىر يەرلىرىنى سىلىغاندەك قىلىۋاتامدۇ نىمە، بىزنى قىلماڭلار دىگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىدىكەن بۇلار، ئاڭلىمىساقمۇ بولغۇدەك، جۈرۈڭلار، بالىلار...

بالا كۆتۈرىۋالغان ئايالنىڭ ئويلىغانلىرى:

"شۇنداق تۇرساممۇ بىرەرى قارىمىدى، ئادەتتە ئۆيدە شۇنداق يىغلايدىغان ما شۇم بۇ يەرگە چقىپ، جىم مېڭىۋاتىدۇ، يىغلا دەيمەن، يىغلا، ئۇھ، ھېچكىم ئورۇن بېرەي دىمىدى، ما ئاپتۇبۇس يا ئاستا ماڭمىدى، سىلكىنىپ، قانداق ماڭامەن ئەمدى"

قىزلارنىڭ ئويلىغانلىرى:

"توۋا، ما كىشىلەر نىمىدىگەن سەت قارايدۇ، ئادەمگە، بۇ كىيىممنى ئاپام بەك ئوچۇقكەن، كىيمەڭ، دىسە ياق دەپ كىيىۋاپتىكەنمەن، ما ئادەم ھەجەپ ئوچۇق يەرلىرىمگە قارىغاندەكلا بىلىنىۋاتىدا، ۋاي، كىم تۇتتى مېنى، تۇيە، ئۇچۇق كىيىم كىيگەنگە. ما ئارقامدىكى ئادەم يەنە سىلىسا، ئىگىز پاشىنىلىق ئايىقىم بىلەن بىرنى قويايمىكىن، ئۆتكەندە، ماھىرەنىمۇ بىرى شۇنداق بوزەك قىپتىكەندۇق، نىمە قىلىۋاتىسەن، دىسە: سەن نىمە قىلىۋاتىسەن، كۆزۈمگە قاراپ، قولۇمنى سىلايسەنغۇ، دەپ بىردەمدە گۇناھنى ئۇنىڭغا ئارتىپ قويۇپتۇ، ئۇ پوق ساقال، قىز بالا بولماق نىمەدىگەن تەس. ئۆزىمىزگىغۇ ئاز، مۇشۇ كىيىملەر بىلەن ئاپتۇبۇسقا چىققاندىكىن"

چوڭلارنىڭ ئويلىغانلىرى:

"يائاللا، ھازىرقى زاماننىڭ بالىلىرى نىمە بولۇپ كېتىۋاتقاندۇ؟ بىز قاراپ تۇرساق ......قىلىشىپ، ۋاييەي، بىزنىڭمۇ ياشلىقىمىز ئۆتكەن، شۇنداق ئۇياتچان ئىدۇق، چوڭلار بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ئۇقسا خۇددى بىر ئىش بولىدىغاندەك، ھازىر باشلانغۇچنىڭمۇ بالىلىرى سۆرۈشۈپ يۈرگەن، ئورۇن بېرىش ئېغىر كېلىپ، يېنىغا كېلىپ بولغۇچە تېلفوننى چىڭ قۇچاقلاپ ئولتۇرىدىكەن، سۆزلەشكەندەك، يا بولمىسا ئۇخلىغان بولىۋالىدىكەن، ۋاي باللىرىم، بىزگە ئورۇنمۇ كېرەك ئەمەس، چىققان گۇناھ بىزدە بولغاندىكىن، ئۆزىمىز تۇرۇپ قايتايلى، ئۇھ..."

ئەرلەرنىڭ ئويلىغانلىرى:

"كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك قىزلار، چوكانلار چىقىدىغان بولۇپ كەتتى ھازىر، ئاپتۇبۇسقا، قاچاي دىسەڭمۇ، ماگنىتتەك چىڭ چاپلىشىپ تۇرغان بەزىلەر، ھەي...... مۇشۇ نەپسىمىزنى يىغقان بولساق، قىزلىرىمىزنى قوغدىغان بولساق دەپمۇ ئويلايمەن، لېكىن ئاشۇ، يەنىلا كېتىپ 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز