تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مۇھەببەت قۇربانلىرى (ھەقىقى ۋەقە )

مۇھەببەت قۇربانلىرى

 

بۇ قېتىم دوستۇم ئېيىتقان بىر ئۈلۈم ۋەقەسى مىنىڭ يىگىت قىزلىرىمىزغا بولغان بەزى يامان قارىشىمنى خىلىلا سۇسلاشتۇردى! مەن كۆپىنچە ئوغۇللارنى نان قېپى ، ۋاپاسىز ، قولىدىن ئىش كەلمەي ئاپىسى دادىسى تېپ بەرگەن تۆت تەڭگە پۇلنى خەجلىشىپ ، ئۆز ئالدىغا مەيدانى يوق ، كۆپىنچە قىزلىرىمىزنى مۇھەببەتكە ۋاپا قىلالمايدۇ دەپ ئويلايتىم ،ھازىرقى زاماندا ‹‹ مۇھەببەت قۇربانى ›› دىگەن بۇ گەپنى پەقەت بىر ئاتالمىش خىيال دەپ قارايتتىم ،بىراق ،ھازىرقى زامانىمىزدىمۇ مۇھەببەت ئۈچۈن ئۈزىنى ئاتىيالايدىغان بۇ بىر جۈپلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ، ئەمما خاتىرە قالغۇدەك ئىش ئىزلىرىدىن بەك تەسىرلەندىم ھەم پەخىرلەندىم ! ( شەخسى كۆز قارىشىم ، تىللاپ يۈرمەڭلار يەنە )

بۇ بىر ھاياتىنىڭ 21- باھار پەسلىنى ئەمدىلا كۈتىۋېلىشقان بىرجۈپلەرنىڭ ھەقىقىي ھىكايىسى بولۇپ ، ئۇلار مۇھەببەت سەپىرىگە قەدەم قۇيۇپ ،بىر-بىرىگە ۋەدىلەر بېرىشكەن ئىدى . بىراق رىئالىلىق ئالدىدا ئىنسان ھەقىقەتەن بەك ئاجىز تەقدىرنىڭ ئاچچىق سىناقلىرى ،ۋە گۈزەل چاغلىرىدا ،ئۇلار جاپانىمۇ بىللە تارتىپ ھالاۋەت ،ئۈلۈم رىياللىقلىرىنى تەڭ كۈتىۋالغان ئىدى ، ياشلىقنىڭ ئالتۇن مەزگىلىدە ئۇلار تۇيىنى قىلماقچى بۇلۇپ ئاتا-ئانىلىرىغا مەسلەت سېلىشتى ئەمما ئاتا ئانىلىرىڭ ئېغىر دەرىجىدە نارازى بولۇپ كىتىشىنى كىم ئويلىسۇن . يىگىت شۇنچىلىك ئۈمۈدلەر بىلەن ئاتا - ئانىسىڭنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىپ باقتى ، ئەمما تەتىجىسى يەنىلا ‹‹ ياق ›› بولدى . ئاتا -ئانا ئوغلىنى باشقا يەردىن ئۈيلىمەكچى بولۇشقان ئىدى !

مانا داقا- دۇمباق ئىچىدە توي باشلاندى ،نىكاھ قىلىدىغانغا ماڭدىغان چاغدا توساتتىن ئىچىدىن ھۆڭرىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى ،ئۇلۇغ ئاللا مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن !(مەغفىرەت قىلىنسىلا ). ئۇ ئۆزىنى بۇ ئازاپلىق بۇ رىئاللىقتىن بىراقلا ئېلىپ ،ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كىتىپ قالغان ئىدى ..... جاھىل ئاتا-ئانا ئاخىرى ئوغلىىنى ئۈزىنىڭ سەنىمىگە دەسسىتىمەن دەپ ئاخىرى ئۇنىڭ ئۈلىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى . بۇ ئۈلۈم پۈتۈن شەھەردىكىلەرنى بىر قېتىم سوغوق تىتىرەتتى .

بۇ خەۋەر قىزنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ ،قىزمۇ ئاخىرى بۇ رىياللىققا چىدىماي ئۈلۈم يولىنى تاللىدى ......... شۇنداق ئاتا- ئانىنىڭ جاھىللىقى سەۋەبلىك ئەمدىلا ياشلىقنىڭ ئالتۇن پەسلىدىكى ھاياتقا بولغان مۇھەببىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇ بىر جۈپلەر بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى .

بۇ ئىش ئەتراپتىكى ياش قىز- يىگىتلەرگە مۇھەببەتنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇردى !

 

بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىز تېنىم شۈركىنىپ كەتتى ،ھەم مىنىمۇ چوڭقۇر خىيالغا چۆمدۈردى !

 

 

مۇھەببەت ۋە قۇربان بېرىش ئۈستىدە ئويلىغانلىرىم :

تارىخلاردىكى مۇھەببەت ئۈچۈن ،پاكلىقى ئۈچۈن ئۈزىنى قۇربان قىلغان ،ئاجىزەلەر ئامالسىز تۆھمەت قۇربانى بۇلغان ، كىيىنچە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ داستان بولۇپ تارالغان . بىراق ،ئۇ دىگەن بۇرۇنقى زامان ،مۇھەببەت دىگەن بۇ ئۇقۇم يېڭى تىرىلگەن ،ھەم مۇھەببەتلىشىشلەرمۇ ناھايىتى ئاز ئىدى ، شۇڭا پەرھات-شىرىن ،تايىر-زۆھرە دىگەن ئاتالغۇلار بىزگە ناتۇنۇش ئەمەس -ئەلۋەتتە .بىراق ھازىرقى ئىنسانلىق قەدىر-قىممەت ،ۋە مىھىر -مۇھەببەت سۇسلاشقان ،بىر-بىرنى پايخان ئىتىپ ،بىرنىڭ قايغۇسىنى كۈرۈپ ئازاپلىنىش تۇرسۇن ،ھەتتا نەچچە يۈز ئىشتان كىيىگەن چوڭلىرىمىزمۇ ياقىسىنى چىشلەش تۇرسۇن ،يەنە ئارقىدىن گەپ تۇشۇپ يۈرىشىىدىغان ،ئۇغۇللىرى بىر يان قىزلىرى بىر يان يۈرىدىغان ئاتا- ئانىلار ئۈز مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ تەكرار تۈگىمەس چايلارغا يۈگۈرۈپ يۈرگەن بۇ زاماندا بۇ مۇھەببەت قۇربانلىرى ھەقىقەتەن تەرىپلەشكە ئەرزىيدىغان مۇھەببەت تىراگىدىيىسى ھەم ئۈلگىلىرى ھېسابلىنىدۇ دەپ قارايمەن .

شۇڭا ئاخىرىدا كىچىككىنە تەۋسىيەم ،مەيلى قىز بۇلۇڭ ياكى ئۇغۇل بولۇڭ ،بىر-بىرڭلارنى قەدىرلەڭلار !قالايمىقان يېقىنلىشىپ بولمىغۇر قىلىقلارنى قىلماڭلار ! قالايمىقان جايلارغا باشلىغاندا ،ئۈزۈڭلارنى تۇتىۋېلىشنى ئۈگىنىۋېلىڭلار !يۈرگەن چاغدا چۇقۇم ئايرىلىش ئىھتىماللىقىنىمۇ كۆزدىن ساقىت قىلماي ياخشى ئويلىشىڭلار ! . ئۈزۈڭلارغا ئايرىلغاندىن كىيىن ،باشقىلار بىلەن يۈرگىدەك ئازراق ئۇرۇن ئېلىپ قۇيىشىڭلارنى، ‹‹قۇربان بېرىش ›› دىگەن بۇ سۆزنىڭ قانداقتۇر قىزلارنىڭ ئۇغۇللارغا چەكلەنگەن مېۋىنى ئالدىن بېرىش ئەمەس بەلكى ،شارائىت كەلسە ،ئۈلۈم دىگەن بۇ قۇرقۇنۇش ئالدىدا تىز پۈكمەي ،قەدەم تاشلىيالاش ۋە قارشى تەرەپ سىزگە ،سىزنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمىڭىزغا ،دىلىڭىزنىڭ پاك شەربەتلىرىگە تەشنا بولغاندا ئۇنى قاندۇرۇپ تۇرىشىڭىز ،سۆيگىنىڭىز ئۈچۈن جاپا- مۇشەققەتتىمۇ تەڭ ماڭالىشىڭىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە ،يۇقارقى ھەقىقى مۇھەببەت ھىكايىسىنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئۈنۈمى بۇلۇشنى ئۈمىد قىلىمەن !

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز