سۆيگۈ يېزىقى
ئەنۋەر سىيىت
مۇڭسىرىغان ھىجران ناخشىدا،
ئېيتىلمىغان ئەڭ كونا ھەرپ.
سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشتە،
بولماسكەن ئەزەلدىن قېلىپ.
كىرپىكلىرىڭ شەمشەر بۇلۇپ،
چىقىۋەتتى مەي كوزامنى.
باھار چېچىكىدە ئاينىغان غەم،
كۆمۈۋەتتى دىل ھويلامنى.
چۈشىنىكسىز شەيئىدە رەڭ،
چۈشەنگەن دىلدا ئالەم،
ساداقەتلىك بېقىشلار،ئاھ
چىن مۇھەببەتكە ھاتەم.
يىللار بېسىدىن تامچىپ،
كونىرىغان ھىكايە-سۆيگۈ.
كۆڭۈل خاتىرسىدىن چۈشكەن،
يېزىقلىرى ھسسىيات-سەزگۈ.
ئەڭ قەدىمىي كۈي-قەسىردە،
نۇر ئىمەر يەنىلا قۇياش.
ئۆمۈر چىنلىقى-بەندە،
بۈيۈكى شۇ-ياشاش.