نۇرغۇن كىشىلەر بېشى قايسا، بۇنى ئادەتتىكى ئىش دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇلار بېشىنىڭ قېيىشىنى قورساق ئاچقانلىق، ھەيز مەزگىلىنىڭ ئالدى – كەينىدە كۆرۈلىدىغان ۋە ئۇزۇن ۋاقىت زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئورنىدىن دەرھال تۇرۇشتىنن كېلىپ چىققان نورمال ئىش دەپ قارايدۇ.
كۆپ قىسىم ئاغرىقلار بېشى بەك قېيىپ كەتسە ، دوختۇرخانىغا بېرىپ، نېرۋا ئىچكى كېسەللىك بۆلۈمىگە كۆرۈنۈپ، CT قاتارلىق ئەسۋابلاردا تەكشۈرتۈپ، داۋالانسىمۇ يەنىلا ئۈزۈل–كېسىل ساقايمايدۇ، ھەتتا بەزىلىرىدە ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، ھوشسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، مېڭە توسۇلۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال كىلىنكىدا كۆپ كۆرۈلىدىكەن.
مېڭىسى توسۇلغان بىر قىسىم ئاغرىقلارنىڭ يۈرىكى قوزغىتىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مېڭىسى توسۇلمايدىغان بولىدىكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب، يۈرەك سوقۇش ۋە قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى قان پىلاستىنكىسى قاتارلىق شەكىللىك ماددىلار ئاسانلا چۆكۈۋېلىپ، قان نوكچىسى پەيدا قىلىدىكەن. ياشانغانلاردا قان تومۇر قېتىشىپ، قان نوكچىسى مېڭىدە تۇرۇپ قېلىپ، مېڭە توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
نېرۋا كېسەللىك بۆلۈمى بېشى قايغىنىغا ئۇزۇن ۋاقىت بولغانلارغا مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك دىياگنوزى قويىدۇ ھەم بۇ جەھەتتىن داۋالىسىمۇ، ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. كېيىن يۈرىكى قوزغىتىلغاندىن كېيىن، باش قېيىشنى ئۈزۈل–كېسىل داۋالىغىلى بولىدىكەن.
شۇڭا بېشى قايغانلار يۈرىكىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشى كېرەك ئىكەن.
ـــ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى