تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئارزۇ تولدۇرۇشقا سەل قارىماڭ

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ئارزۇ تولدۇرۇشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇشتا ‹‹ئىمتىھان نەتىجىسى يەتتە ئۈلۈش، ئارزۇ تولدۇرۇش ئۈچ ئۈلۈش›› دېسەك ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا ياردىمى تېگىپ قالار، دېگەن مەقسەتتە 5 – ئاينىڭ ئاخىرى مەن ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدا مۇخبىرلىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدىكى مۇھىم ھالقىلار، ئارزۇ تولدۇرۇشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى سىياسەتلەرنى ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.

  تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇشتا كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللار

  ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار، خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، قوش تىل سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن بويىچە 1 – تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى تولدۇرۇشتا پۈتۈنلەي تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇش شەكلى قوللىنىلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تەڭداش ئارزۇ ئوقۇغۇچى تاللىغان A، B، C، D تۆت ئارزۇنىڭ تەڭداش مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. بۇنىڭدا ‹‹يۇقىرى نومۇرنى ئالدىن تاللاش، ئارزۇغا ھۆرمەت قىلىش›› پىرىنسىپى بويىچە ئارخىپ چىقىرىلىدىكەن، يەنى ئاپتونوم رايون ئېلان قىلغان تەرتىپكە تۇرغۇزۇش قائىدىسىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلار سىياسەت خاراكتېرلىك نومۇر قوشۇشتىن كېيىن، پەن تۈرى بويىچە ئارخىپ چىقىرىش نومۇرىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىگە قاراپ تەرتىپكە تۇرغۇزۇلىدىكەن. تەرتىپنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپى ئاۋۋال چىقىرىلىپ، كەينىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپ چىقىرىلىپ بولۇشىنى ساقلايدىكەن.

  تەڭداش ئارزۇ ئارقىلىق ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى گەرچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى كۆپەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما خېيىم – خەتىرىمۇ بار ئىكەن. ئالىي مەكتەپلەر ‹‹يۇقىرى نومۇرنى ئالدىن تاللاش›› پىرىنسىپى بويىچە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىنىڭ ئارخىپىنى چىقىرىدىكەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئارخىپ چىقىرىش نىسبىتى 1 . 2 : 1 بولۇپ، ئارخىپى چىقىرىلغان بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپى قايتۇرۇلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن. تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇشتا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش قاتلامدىكى مەكتەپلەرنى تاللاشتەك چوڭ ئىمكانىيەت بېرىلگەن بولسىمۇ، ئوقۇغۇچى ئىمتىھان نومۇرىنى يۇقىرى مۆلچەرلەپ قويسا، ئارخىپ چىقىرىش نومۇرى ئارزۇغا تولدۇرغان مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپ چىقىرىش نومۇرىغا يەتمەي قالىدىغان، شۇ سەۋەبلىك ئارخىپ چىقىرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي، قايتا ئارزۇ تولدۇرىدىغان ياكى كېيىنكى تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنىشنى ساقلايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن. ئارزۇ تولدۇرغاندا تاللىغان مەكتەپلەرنىڭ قاتلام پەرقىگە دىققەت قىلماي، ئوخشاش بىر قاتلامدىكى مەكتەپلەرنى تەڭداش ئارزۇغا تولدۇرۇپ قويسا، نومۇرى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولسا، ئارخىپ چىقىرىشقا تەسىر يېتىپ، قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدىكەن. سالامەتلىك ئەھۋالى مەكتەپنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئالاھىدە كەسىپلەرنىڭ سالامەتلىك شەرتىگە توشمايدىغان، ئارخىپى چىقىرىلغاندىن كېيىن، مەكتەپلەرنىڭ كەسىپكە قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە ھەم ئوقۇغۇچى تەڭشەشكە قوشۇلمىغان بولسا، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئارخىپى قايتۇرۇلىدىكەن. ئارخىپى قايتۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلار 2 – تەڭداش ئارزۇ گۇرۇپپىسى(تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە ئىككى تەڭداش ئارزۇ گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنغان) دىكى مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپ چىقىرىشىنى ساقلايدىكەن، ئەگەر بۇ گۇرۇپپىدىمۇ ئارخىپى قايتۇرۇلسا، قايتا ئارزۇ تولدۇرىدىغان ياكى كېيىنكى تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنىشنى ساقلايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز