كۆك ياقۇت ئېكرانلىق 100 دانە iPhone 6 زاۋۇتتىن چىقتى
تېخنىكا تورىنىڭ 26-يانۋار خەۋىرى: تەيۋەن «ئالما گېزىتى» خەۋەر قىلىشىچە، شېنجىن فۇشىكاڭ زاۋۇتى ئاز دېگەندە 100 دانە كۆك ياقۇت ئېكرانلىق iPhone 6 نى قۇراشتۇرۇشنى تاماملاپ بولغان.
بۇ تۈركۈمدىكى iPhone 6 نى قۇرۇشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىغان زاۋۇت شىنجېننىڭ لوڭخۇا رايونىغا جايلاشقان. گەرچە بۇ زاۋۇت نۆۋەتتە پەقەت ئاز بىر قىسىم مەھسۇلاتنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر ئابىدە خاراكتېرىدىكى بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى كۆك ياقۇت بىلەن قاپلانغان iPhone 6 ئېكرانىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىنتايىن مۇرەككەپ ياساش ھۈنەر سەنئىتى بولۇپ، Gorilla Glass قاپلانغان iPhone 5S ئېكرانىغا ئوخشىمايدۇ.
ئالما گېزىتى كۆرسىتىشىچە، ئالما شىركىتى نۆۋەتتە يەر شارىنىڭ %10 كۆك ياقۇت مەھسۇلاتىنى ئىستېمال قىلىۋېتىپتۇ. iPhone 5 يانفونى ئالما شىركىتى تۇنجى قېتىم كۆك ياقۇت تېشى ماتېرىيالى قوللانغان ئالما مەھسۇلاتى، iPhone 5 نىڭ كامېراسىنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتىگە كۆك ياقۇت ئەينەك قاپلانغان، كامېرانى قوغدايدۇ، كېيىن، ئالما شىركىتى بۇ خىل ماتېرىيالنى iPhone 5s يانفونىنىڭ Home كونۇپكىسىغا ئىشلەتتى.
ئالما شىركىتىگە كۆپ ياقۇت تەمىنلەيدىغانلار Synopsys ۋە Bern Optics شىركىتى بولۇپ، بۇ ئىككى شىركەت يېقىنقى نەچچە ھەپتىدە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسى ۋە قوراللىرىغا مەبلەغ سېلىشنى زورايتتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئالما شىركىتىدىن تېخىمۇ كۆپ مال زاكاز تالونىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.