ئىگىلىنىشىچە، ئالما شىركىتى iPhone 6s ۋە iPhone 6s Plus ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغان، بۇ يېڭى تىپتىكى iPhone غا يېڭىدىن Force Touch قوشۇلىدىغان بولۇپ، مۇشۇ يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلىنىدىكەن.
Force Touch ئەڭ بۇرۇن Apple Watch تا قوللىنىلغان ئىقتىدار بولۇپ، بىر خىل يېنىك بېسىش بىلەن كۈچلۈك بېسىشنى پەرقلەندۈرۈپ، ھەرخىل قول ئىشارىتىنى قوللايدىكەن.
ئالما شىركىتى Apple Watch نىڭ تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىدىغان يان تېلېفونغا ماسلاشتۇرىدىكەن.