تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كەلگۈسىدە ئايفوننىڭ توكى بىر ھەپتە ئىشلىتىشكە يېتىدىغان بولىدۇ

ۋاڭيى تورى خەۋىرى:

ئەنگىلىيەدىكى Intelligent Energy شىركىتى يېقىندا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون تېخنىكىسى تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە قازانغان. ئۇلار ھىدروگېن يېقىلغۇ قىلىنىدىغان بىر خىل يېڭى تىپتىكى باتارىيە ياساپ چىققان بولۇپ، بۇنى ئايفونغا سەپلىگەندىن كېيىن توكى بىر ھەپتە ئىشلىتىشكە يېتىدىكەن.


بۇ شىركەت يىقىندا ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ چىققان بۇ خىل يېڭى تىپتىكى باتارىيەنى iPhone 6 گە سەپلەپ سىناپ باققان، بۇنىڭدا يانفوننىڭ شەكلى ياكى چوڭلۇقىغا قارىتا ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھاجەتسىز بولۇپ، يانفوننى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. بۇ خىل تېخنىكىنىڭ پىرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا، باتارىيە يىقىلغۇسىدىكى ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېن ئۆز-ئارا رېئاكسىيەلەشكەندىن كىيىن، ئاز بىر قىسىم سۇ ۋە ئىسسىقلىق ھاسىل بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خىل باتارىيەنى يانفونغا سەپلىگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئارقا قېپىغا بىر دانە كىچىك تۆشۈك ئېچىپ قويۇشقا توغرا كېلىدىكەن. رېئاكسىيە داۋامىدا ھاسىل بولغان سۇ پارى مۇشۇ تۆشۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىدىكەن، ھالبۇكى، ئابونتلار ئادەتتە بۇنى ھېس قىلالمايدىكەن.

ئىگەللىنىشىچە، Intelligent Energy بىلەن ئالما شىركىتى ئوتتۇرىسىدا زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى باركەن. Intelligent Energy شىركىتى نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى باتارىيەسىنىڭ سېتىلىش باھاسىنى قانداق بېكىتىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان ئىكەن. شىركەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ خىل باتارىيە بازارغا كىرگۈزۈلگەندىن كىيىن، شىركەتنىڭ بازار قىممىتى بىر يىل ئىچىدە 300 مىليارد فوندستېرلىڭغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.


ئەسلى مەنبەسى: 163.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز