تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ باشلانغىنىغا بىر ھەپتە بولدى. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەت بېرىش تېلېفونىمۇ كۈندىن – كۈنگە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن 9 – ئىيۇل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئالدىنقى سېپىدىكىلەردىن ھال سورىدى ھەم ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانىلارغا ئەستايىدىل مەسلىھەت بېرىشىنى ئالاھىدە تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى مەسلىھەت بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ خادىمى پامىر مۇنداق دېدى: 0 – تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تاماملاندى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلانغاندىن كېيىن مەسلىھەت سوراپ تېلېفون بېرىدىغانلار كۆپەيدى، تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلانسا مەسلىھەت سورايدىغانلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، بىز ئاساسلىقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار سىياسەتلەر توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىمىز. بۇلتۇر گۇرۇپپىمىز 32 مىڭ قېتىم مەسلىھەت سوراپ ئۇرۇلغان تېلېفوننى قوبۇل قىلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە 94 خادىم قاتناشقان، خادىملار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئېلىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى پىششىق ئۆگەنگەن ۋە ۋەزىپىگە چېتىشلىق جىنايەتلەردىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى مەخسۇس لېكسىيەنى ئاڭلىغان.

مەنبەسى:ئۇزار تورى

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز